ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2015-10-31
«WORT» رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر ۋەزىيىتى تەتقىقاتچىسى ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا جىددىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
2015-10-31
ئاقساراي جۈمە كۈنىدىكى باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەگە ئالاھىدە قىسىم ئەسكەرلىرىنى يۆتكەپ، بۇ دۆلەتتىكى قوزغىلاڭچىلارغا ياردەم قىلىدىغانلىقى ۋە ئاتالمىش ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
2015-10-31
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، رۇسىيە فېدېراتسىيە خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باشلىقى ئالېكساندېر بورتنىكوۋنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرى 28 - ئۆكتەبىر رۇسىيە ئاخباراتلىرىدا خەۋەر قىلىنغان.
2015-10-31
ئامېرىكا يېڭىدىن ياساپ چىقماقچى بولغان بومباردىمانچى ئايروپىلان ھەققىدىكى بارلىق ئۇچۇرلار ئىنتايىن مەخپىي تۇتۇلماقتا. شۇنداقتىمۇ يېڭى تىپتىكى مەزكۇر بومباردىمانچى ئايروپىلان ھەققىدىكى بەزى ئۇچۇرلار مۇئەييەن دەرىجىدە ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
2015-10-31
تۈركىيە يېقىندىن بۇيان دۆلەت ئىچى - سىرتىدا 2 مىڭ تېررورچىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
2015-10-30
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇقىملىق چارە - تەدبىرلىرى بارغانسېرى ئەسەبىي، ھەجىۋىي ۋە ھاماقەتچە شەكىللەردە داۋاملاشماقتا. بۇ قاراشنى دەلىللەيدىغان پاكىتلاردىن بىرى بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ ئاقسۇ ئايكۆلگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا ئاشكارىلاندى.
2015-10-30
يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەرقايسى ئۇچۇر مەنبەلىرىدە پۈتۈن ئاپتونوم رايون مىقياسىدا يەرلىك ئاھالىنىڭ يۈزمىڭلاپ ئىشقا ئورۇنلىشىۋاتقانلىقى ۋە بۇ يىل ئۆكتەبىر ئېيىدا ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ 4% كە چۈشكەنلىكى ئارقا - ئارقىدىن خەۋەر قىلىنماقتا. ھالبۇكى، ھەرقايسى شەھەرلەردىكى ئۇچۇر تورلىرىدا كۆزگە چېلىقىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىزمەت ئىزدەش ئېلانلىرىدىكى بەزى بىنورمال مەزمۇنلار كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.
2015-10-30
ئىلھام ئەپەندىنىڭ غەيرەت نىياز قاتارلىق تور يازارلىرى ۋە تور باشقۇرغۇچىلىرى ھەققىدىكى بايانلىرى
2015-10-30
خىتاي دېڭىز ئارمىيە گېنېرالى ۋۇ شىڭلى پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئامېرىكا ئەگەر دەتالاشتىكى دېڭىز رايونلاردا ئېغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىنى داۋام قىلسا ئۇرۇش كەپ چىقىدۇ، دېدى. ئامېرىكا بولسا ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ خەلقئاراغا ئوچۇقلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى تەكىتلەش ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرماقتا.
2015-10-30
1933 - يىلى قەشقەردە ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بىلەن 1944 - يىلى 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئېلىدا ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرىلەش كۈنى يېقىنلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيەدە 12 - نويابىر كۈنىنى «شەرقىي تۈركىستان كۈنى» ئېلان قىلىش ئۈچۈن جامائەت پىكرى توپلاش پائالىيىتى باشلاندى.
2015-10-30
بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى خەشكىلەڭ، ئىلى ۋە جامبۇل ناھىيىلىرى، شۇنداقلا ئالماتا ۋىلايىتىگە قاراشلىق تالغىر، ئەمگەكچى - قازاق، ئۇيغۇر ۋە ياركەنت ناھىيىلىرىدە زىچ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلىنى، مىللىي ئۆرپ - ئادەتلىرىنى، مائارىپىنى، سەنئىتىنى ساقلاپ قېلىشتا ۋە ئۇلارنى تەرغىپ قىلىش ۋە يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇشتا مەدەنىيەت مەركەزلىرى چوڭ رول ئوينىماقتا.
2015-10-30
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرى.
2015-10-30
گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا 9 نەپەر جۇڭگولۇق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە ئۆكتىچىسىنى قوبۇل قىلغان. ئەھۋالدىن خەۋەردار گېرمانىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كۆرۈشۈش پەيشەنبە كۈنى كەچتە گېرمانىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا ئېلىپ بېرىلغان.
2015-10-30
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى-ئەركىنلىك سارىيى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كەرىينىڭ مەركىزى ئاسىيا دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلغاندا كىشىلىك ھوقۇقنى تەكىتلىشىنى تەلەپ قىلدى.
2015-10-30
پاكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شەرىف قەشقەر-گۋادار ئىقتىسادىي كارىدورى قۇرۇلۇشىنى كېچىكتۈرۈشكە يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «مەزكۇر قۇرۇلۇش پاكىستاننىڭ كېلەچىكى، مەزكۇر قۇرۇلۇشنى پۈتتۈرۈش ھۆكۈمەتنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى» دېگەن.