ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2015-03-01
«قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغىچە» ناملىق كىتاب تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھرىدە نەشىردىن چىقتى.
2015-02-28
قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئوسمان تۇردى 1962 - يىلى يۈز بەرگەن كۆچ - كۆچتە ئۆزىنى چەت ئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغان قىسمەتلەر ھەققىدە توختىلىپ، ۋەتەندە خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئىلىپ بېرىلغان ھەر تۈرلۈك سىياسىي ھەرىكەتلەردە ئارقا - ئارقىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقى سەۋەبىدىن نىجاتلىق يولى ئىزدەپ ئاخىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
2015-02-28
يىلاننى كۆرۈپ ئۇنى ئۆلتۈرمىگەن ئادەمنى قاغايدۇ . خەلق تەمسىلى —
2015-02-27
خىتاي ھۆكۈمىتى د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ مەككىدە چاقىرىلغان «خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش يىغىنى»غا تەكلىپ قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى بىلەن «رابىتۇل ئالەمىن ئىسلام»، يەنى دۇنيا ئىسلام تەشكىلاتىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
2015-02-27
خىتاي ھۆكۈمىتى تۇنجى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھىسىنى مۇزاكىرىگە قويغاندىن كېيىن، خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەر ئارىسىدا خىتايدا زادى تېررورلۇق مەۋجۇتمۇ، ئۇنىڭدىن كېلىدىغان تەھدىت زادى قانچىلىك دېگەنگە ئوخشاش تېمىلار ئۈستىدە مۇزاكىرىلەر بولماقتا.
2015-02-27
25 - فېۋرال ياپونىيە پارلامېنت سارىيىنىڭ يىغىن زالىدا «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى سىياسىتىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى» ناملىق دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.
2015-02-27
پاكىستاندا ياشاۋاتقان يەنە بىر ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستان بىلەن ئافغانىستان ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ بارغانسېرى يىرىكلىشىشى ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشى نەتىجىسىدە، پاكىستان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك بىر دۆلەتكە ئايلىنىپ قالغان.
2015-02-27
ئېلاخۇن كۆككۆز ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىگە ئىككى ئوغلى بىلەن بىللە قاتنىشىپ، ئۇلار شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر قاتار ئوردېن ۋە مېداللىرى بىلەن تەقدىرلەنگەن ئىدى.
2015-02-27
خوڭكوڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ «ئوقۇغۇچىلار ژۇرنىلى» ئېلىپ بارغان راي سىناش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خوڭكوڭدا خىتايدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇش پىكرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى ئارتقان. 569 نەپەر ئوقۇغۇچى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان راي سىناشتا، 28 % ئوقۇغۇچى خوڭكوڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىغان.
2015-02-27
گۇما ناھىيەسىدە بىر ئۇيغۇر ياش ناھىيەلىك پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئىشخانىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ، بىر پىلانلىق تۇغۇت ئەمەلدارىنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرگەن.
2015-02-27
خىتاينىڭ ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە تەييارلىغان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ئامېرىكا نازۇك تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان.
2015-02-27
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 27 - فېۋرال خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىغا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، قۇرۇلتاينى ھۆكۈمەت «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نى كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇن ھالغا كەلتۈرمىسە، رەت قىلىشقا چاقىردى.
2015-02-27
تۈركىيەنى بازا قىلغان «شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى» نىڭ باشلىقى ئەسەر تۈركىستانلى ساكا خانىم، تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى تەرىپىدىن پارلامېنت ئەزالىقىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن.
2015-02-27
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا بېرىلگەن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلەر.
2015-02-27
ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى 3 يىل ئىچىدە يەنە 3500 نەپەر «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىماقتا. تەڭرىتاغ تورىدىن بېرىلگەن خەۋەردىن قارىغاندا، بۇ ئوقۇتقۇچىلار جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېزا - بازارلىرىدىكى «قوش تىل» يەسلى ۋە تەييارلىق سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنىدىكەن.