ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2015-03-25
ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىچىدە گېرمانىيە تۈركلەر ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەت. يېقىنقى يىللاردىن بېرى گېرمانىيەگە پاناھلىق تىلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىمۇ كۈنسايىن كۆپەيمەكتە ئىكەن.
2015-03-25
22 - مارت تەيبېيدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەيۋەن ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەيبېيدا تۇنجى قېتىملىق نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.
2015-03-25
تارىختىن مەلۇمكى، 1882-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىن يەتتىسۇ تەۋەسىگە مىڭلىغان ئۇيغۇرلار كۆچۈپ چىقىپ، يېزىلارنى بەرپا قىلغان ئىدى.
2015-03-25
خەلقئارا جەمئىيەتتە دىكتاتورىلىق بىلەن داڭ چىقارغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى ستالىن نۆۋەتتە رۇسىيەلىكلەر تەرىپىدىن قايتىدىن تۈرلۈك شەكىلدە ئەسلەنمەكتە، ھەتتا ئۇنىڭ ھەيكەللىرى ھەر قايسى رايونلاردا ئورنىتىش تەلەپلىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
2015-03-25
خىتاي، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ 5 نەپەر ئاياللار ھوقۇقى پائالىيەتچىسىنى قويۇۋېتىش تەلىپىنى رەت قىلدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىىسى خۇا چۈنيىڭ بۈگۈنكى سۆزىدە ھېچكىمنىڭ خىتايدىن بىر كىمنى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ، خىتاي ئەدلىيىسىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئارىلاشقانلىق» دېدى.
2015-03-25
خوڭكوڭدا چىقىدىغان مىنباۋ گېزىتى، سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن گۇاڭجۇ پويىز ئىستانسىسىغا يېقىن جايدىكى بىر 10 قەۋەتلىك سودا سارايدا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى، ھۇجۇمچىلارنىڭ ئۇيغۇرلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
2015-03-25
ئافرىقا دۆلىتى كېنىيىدە ئاشخانا ئاچقان بىر خىتاي خوجايىن ئاشخانىسىغا ئافرىقىلىق خېرىدارلارنى ئالمىغاندىن كېيىن ۋەقە قاتتىق ئىنكاس قوزغىغان. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئافرىقا پايتەختى نايروبىغا جايلاشقان بۇ خىتاي ئاشخانىسى پەقەتلا خىتاي خېرىدارلارنى ياكى قارا تەنلىك بولمىغان باشقا ئېرقتىكىلەرنى قوبۇل قىلغان، بىراق قارا تەنلىك خېرىدارلار كەلسە ئۇنىڭ يېنىدا خىتاي ھەمراھى بولمىسا ئاشخانىغا كىرگۈزمىگەن. ئېرقچىلىق تۈسىنى ئالغان بۇ ھەرىكەت فېيىسبۇك ۋە تىۋىتتېر ئارقىلىق ئاشكارىلىنىپ، كەڭ ئىنكاس قوزغىغاندىن كېيىن نايروبى دائىرىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
2015-03-25
ئامېرىكىدىكى داڭلىق خەۋەر تېلىۋىزىيىسى س ن ن بۈگۈنكى خەۋىرىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تور بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش نامى ئاستىدا پىكىر ئەركىنلىكىنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى.
2015-03-25
خىتاي كۈندىلىك گېزىتى چارشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە، ھۆكۈمەتنىڭ ئامېرىكىغا قېچىپ كەتتى، دەپ قارىلىۋاتقان بىر تۈركۈم ئەمەلدارلارنىڭ تىزىملىكىنى ئامېرىكىغا بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىشخانىسى مۇدىرى شۈ جىنخۇي گېزىتكە قىلغان سۆزىدە، ئاز دېگەندە 150 چىرىك ئەمەلدارنىڭ دۆلەتكە ئائىت نۇرغۇن پۇل بىلەن ئامېرىكىغا قېچىپ كەتكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ياكى ياكى ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى كارخانىلارنىڭ ئەمەلدارلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
2015-03-24
بۈگۈن، تايلاندنىڭ پايتەختى باڭكوكتىكى جەنۇبىي باڭكوك جىنايى ئىشلار سوتىدا بىر يىلدىن بېرى تۈركىيەگە كېتىشنى كۈتۈپ تۇرغان بىر ئائىلە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن سوت ئېچىلدى.
2015-03-24
8-كۈنى يەكەندە يۈز بەرگەن تاغارچى يېزىلىق قوراللىق قىسىم باشلىقى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان پىدائىيلار 6-مارت كۈنى بەشكەنت بازىرىدا يەنە بىر قانلىق ۋەقە پەيدا قىلغان. مەزكۇر ۋەقەدە خىتاي تەرەپتىن ئىككى كىشى ئۆلگەن.
2015-03-24
ئۆزىگە خاس ئېسىل ئۆرپ-ئادەتلەرگە ھۆرمەت قىلىش، بىر بىرىنى ئېتىراپ قىلىش، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن مۇنەۋۋەر ئەنئەنىسى.
2015-03-24
22-مارت ياپونىيەنىڭ توكيو ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى نورۇزنى قۇتلاپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان.
2015-03-24
2015-يىلى 22-مارت يەكشەنبە كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن خىزمەت-پائالىيەتلەرنى ئاكتىپلاشتۇرۇش، يېڭى پىلان-لايىھە تۈزۈش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە تەكلىپ بېرىش توغرىسىدا بىر يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى.
2015-03-24
17-21-مارت كۈنلىرى تۈركىيەنىڭ غەربىي قىسمىدىكى قارا دېڭىز رايونىدىكى زوڭگۇلداك ۋىلايىتى بىلەن شەرقىي شىمال قارا دېڭىز رايونىدىكى سامسۇن ۋىلايىتىدە 5 مەيدان شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا مەخسۇس دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.