ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2015-05-31
يەكشەنبە كۈنى خوڭكوڭ پۇقرالىرى كۆلىمى بىر قەدەر كەڭ نامايىش ئۆتكۈزۈپ، 4 - ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى خاتىرىلىدى. نامايىشچىلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى « 4 - ئىيۇن ۋەتەنپەرۋەرلىك دېموكراتىك نامايىشى» دەپ ئاتىغان بولۇپ، ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ نامايىش ھەققىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، نامايىشچىلار خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى باشقۇرۇش ئورگىنى ئالدىغا بېرىپ، مەركىزىي ھۆكۈمەتتىن تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى ئاقلاشنى ھەمدە خىتايدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنى قوللاشنى تەلەپ قىلغان.
2015-05-31
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەشتون كارتېر جەنۇبىي خىتاي دېڭىزدىكى تالاش - تارتىش رايونىدا ھەر قانداق پائالىيەتلەرنى توختىتىشنى،چۈنكى بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ رايون ۋەزىيىتىنى مىقىمسىزلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەشتون كارتېر بۇ سۆزىنى سىنگاپۇردا ئېچىلىۋاتقان ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى بىخەتەرلىك يىغىنىدا قىلغان ھەمدە ئۇ خىتاينىڭ رايوندىكى ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارا ئۆلچەملەرگە مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
2015-05-31
يېقىندا قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياشۇناسلىرىدىن بىرى پروفېسسور ئالىمجان تىلىۋالدىنىڭ «مۇستەقىل قازاقستان ئۇيغۇر پوئىزىيىسى» ناملىق مونوگرافىياسى نەشىر قىلىندى. مەزكۇر ئىلمىي تەتقىقات قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىكىنىڭ مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە يېزىلىپ، ئۇنىڭغا قازاق ئاكادېمىكلىرىدىن ۋەلىخان قالىجان رەھبەرلىك قىلغان.بىر قانچە قازاقىستان ئالىملىرى كىتابقا پىكىر سۆزى يازغان.
2015-05-31
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 28 - 30 - ماي كۈنلىرى تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر ۋە قىزىلسۇ تەۋەسىدە مەخسۇس تەكشۈرۈشتە بولۇپ، بىر قىسىم ئورۇنلارنى زىيارەت قىلىپ ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھوكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى دىنىي ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش ۋە مىللەتلەر خىزمىتىگە ئائىت سىياسىي تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرگەن.
2015-05-31
قەيسەرىدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتى باشقۇرۇش ھەيئىتى ۋە قەيسەرىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلاردىن تەركىپ تاپقان بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر قەيسەرى شەھەر باشلىقى بىلەن قوجاسىنان رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقىنى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلىپ ئۇيغۇرلار نامىدىن رەھمەت ئېيتتى.
2015-05-30
جىگدىلىكنىڭ سىرتىدىكىلەر كۈتمەكتە ئىدى. كۈن غەربكە قىيسايغان، كەچكى شەپەقنىڭ ئالتۇن نۇرلىرى ئېگىز جايلاردا شاخلارنىڭ ئۇچىدا جىمىرلايتتى. تاقىتى –تاق بولغان دارىن « داموللىلارغا بۇيرۇدى» كەچكىچە چىقمىسا بېسىپ كىرىدۇ، ھەممىسىنى قىرىپ تاشلايدۇ. توۋلا! ۋارقىرا! چاققانراق چىقسۇن.
2015-05-30
نۆۋەتتە دائىرىلەر ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش «قوش تىللىق سوتچىلار» نى كۆپەيتىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
2015-05-30
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 16 - ماي ئۇيغۇر ئېلىدە تۇنجى نۆۋەتلىك مودېرنىزم گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسى ئېچىلغان. كۆرگەزمە ئۈرۈمچىدىكى مودېرنىزم گۈزەل سەنئەت سارىيىدا ئېچىلغان بولۇپ، 16 - ئىيۇنغىچە داۋام قىلىدىكەن.
2015-05-30
30 - ماي ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېر بايان ئېلان قىلىپ، خىتاينى جەنۇبىي دېڭىزدا ياساۋاتقان سۈنئىي ئارال قۇرۇلۇشىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى.
2015-05-30
27 - ماي خىتاينىڭ گەنسۇ ئۆلكىسىدە بىر تىبەت ئانا ئۆزىگە ئوت قويۇپ خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. بۇ ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ساڭيە تسو ئىسىملىك 36 ياشلىق تىبەت ئايال گەنسۇ ئۆلكىسى چونە (جونى) ناھىيەلىك ساقچى ئالدىدا نامايىش قىلغان.
2015-05-29
تارىخچى توختى مۇزات 1998-يىلى 2-ئاي مەزگىلىدە تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، 1999-يىلى 3-ئايدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭغا «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش» جىنايىتى ئارتىپ،12 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن.
2015-05-29
28-ماي سەھەردە شىۋېتسىيەدىكى «شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى» خەۋەر بېرىپ خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيە زاۋا يېزىسىدا 6 نەپەر ئۇيغۇر پىدائىينىڭ خىتاي ساقچىلىرى بىلەن توقۇنۇشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
2015-05-29
ئاقسۇنىڭ توقسۇ ناھىيىسىدە بۇ يىل 1-ئايدىن باشلانغان ۋە ھازىرغىچە داۋام قىلىۋاتقان، قاچان ئاخىرىلىشىدىغانلىقى ھەم مەلۇم بولمىغان دولقۇن ھاشارنىڭ سەۋەبى مۇخبىرىمىزنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
2015-05-29
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى يېقىندا ئىنتېرنېت ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلىش ۋە قوغداشقا ئائىت يېڭى دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.
2015-05-29
ياپونىيە خوسو ئۇنىۋېرسىتېتى 2013 - يىلىدىن باشلاپ رەسمىي ئۇيغۇر تىلىنى مەكتەپ ئوقۇتۇش پىلانىغا كىرگۈزۈپ ئۇيغۇر تىلى سىنىپىنى تەسىس قىلغان.