ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2015-08-30
ئۆزبېكىستاننىڭ جۇمھۇرىيەت بولۇپ قۇرۇلۇشى، پەرغانە ۋادىسىدىكى مىللىي، دىنىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىئەر، بولۇپمۇ، 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق قىلىپ، ئۆزبېك ۋە باشقا مىللەتلەرنى پەيدا ئۇسۇل ۋە مەقسەتتە ئوتتۇرا ئاسىيانى چېگرىلارغا ھەم مىللەتلەرگە ئايرىغانلىقى ھەققىدە تەتقىقات قىلىپ ئىلىم ساھەسىدە تەسىر قوزغىغان رۇسىيە ئالىمى، تارىخ پەنلىرى دوكتورى سېرگېي ئاباشىن29 - ئاۋغۇست كۈنى موسكۋادىن تاشكەنت ئايرودرومىغا كەلگەندە چېگرا خادىملىرى ئۇنىڭ كىرىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ئارقىغا قايتۇرىۋەتكەن.
2015-08-29
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ يىل كۈزدە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ئەتراپىغا بىر ئۇيغۇر رېستورانى ئېچىلىدىكەن.
2015-08-29
تايلاند دائىرىلىرىنىڭ 29 - ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، تاي ساقچىلىرى ئىككى ھەپتە ئىلگىرى 22 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان باڭكوك بومبا ھۇجۇمىغا ئالاقىدار بىر گۇماندارىنى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2015-08-29
ياپونىيە ئاخباراتلىرى 27 - ئاۋغۇست دۆلەت مۇداپىئە دائىرىلىرى يەنە بىر تىكئۇچار ئاۋىئاماتكىسىنى رەسمىي ئاشكارىلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
2015-08-29
خەۋەرلەرگە قارىغاندا 28 - ئاۋغۇست بۇلغارىيە ساقچى دائىرىلىرى ئاۋسترىيەدە 71 ئادەمنىڭ جەسىتى بىلەن بايقالغان يۈك ئاپتوموبىلىغا چېتىشلىق 4 ئادەمنى قولغا ئالغان.
2015-08-29
ئىككى ھەپتىدىن بۇيان خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇر رايونىدا يېڭى پاسپورت تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە پاسپورت بېجىرىش رەسمىيىتىنىڭ ئاددىيلاشقان ۋە تېزلەشكەنلىكى خەۋەر قىلىنماقتا.
2015-08-28
خىتاي پايچەك بازىرىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى خەلقئارانىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغاۋاتقان جىددىي بىر مەسىلە. بىراق، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بولسا بۇ ھەقتە ھازىرغىچە چىقىپ بىر ئېغىز سۆز قىلمىدى.
2015-08-28
خىتاي ئاتالمىش ياپونغا قارىشى ئۇرۇشنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن يولغا قويغان «پوچتا يوللانمىلىرى ئالاھىدە تەدبىرى» ئۇيغۇر ئېلىدە تېخىمۇ قاتتىق يۈرگۈزۈلگەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ پوچتا يوللانمىلىرىنى كىملىك بويىچە تەكشۈرۈش ئىلگىرىكىدىن كۈچەيتىلگەن. بۇنىڭ ئۇيغۇر خېرىدارلارغا قولايسىزلىق تۇغدۇرغانلىقى مەلۇم.
2015-08-28
ۋەتەن ۋە مىللەتكە ياراملىق ياشلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ يېتىشىپ، ئۇيغۇر پەن - تەتقىقاتچى ۋە ئاكادېمىكلەرنىڭ سېپىگە قېتىلىشى ئۈچۈن، تۈركىيە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى چەتئەلدىكى مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمى بىلەن 2014 - يىلىدىن باشلاپ «مەمتىلى تەۋپىق فوندى» ئۇيغۇر ماگىستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش ياردەم پۇلىنى تەسىس قىلغان ئىدى.
2015-08-28
ياۋروپا مەتبۇئاتلىرىدىكى ئەڭ قىزىق تېما مۇساپىرلار مەسىلىسى بولماقتا. ئوتتۇرا شەرقتىن سەلدەك بېسىپ كېلىۋاتقان يۈزمىڭلارچە مۇساپىر پۈتۈن ياۋروپادا ئەندىشە ۋە تەھدىت پەيدا قىلماقتا.
2015-08-28
پاكىستاندا ئۆتكەن مەرھۇم ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات ئېلىخان ھاجىم 1948 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەكەن ناھىيەسىنىڭ تاغارچى يېزىسىدا بىر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.1949 - يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۇيغۇر ئېلىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن تۈرلۈك زۇلۇملىرىغا چىدىغان ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋەتەننى تەرك ئېتىپ، 1967 - يىلى پاكىستانغا ھىجرەت قىلىپ چىققان.
2015-08-28
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرى.
2015-08-28
تايلاند ساقچى دائىرىلىرى جۈمە كۈنى 3 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ باڭكوك پارتلاش ۋەقەسىدىن گۇمانلىنىپ سوراق قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. 17-ئاۋغۇست باڭكوك شەھەر مەركىزىدىكى ئېراۋان ئىبادەتخانىسىنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدە 22 ئادەم ئۆلگەن.
2015-08-28
ئامېرىكا دىئالوگ فوندى جەمئىيىتى ئۇيغۇر ئىلىنىڭ 2008-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان دۆلەت بىخەتەرلىك مەھبۇسلىرى ئىسلاھاتى مەغلۇپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
2015-08-28
تايلاند بۇ يىل 7-ئايدا 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇساپىرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىپ، 60 قا يېقىن مۇساپىرنى ئېلىپ قالغان ئىدى. ھازىر ئۇلارنى 2 خىل تەقدىر كۈتۈپ ياتقان.