ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2015-08-16
خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ تيەنجىندىكى پارتلاشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ 112 نەپەرگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ھازىرغىچە يەنە مەلۇم ساندىكى ئادەملەرنىڭ ئىز - دەرىكى بولمىغان بولۇپ، ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەلۇم ساندىكى ئادەمنىڭ ئىز - دېرىكى بولمىغان ھەم ئۇلارنىڭ كۆپى ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئىكەن.
2015-08-14
ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ھەققىدە بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلدى.
2015-08-14
بۈگۈن خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزى تيەنجىندىكى پارتلاش ھەققىدىكى خەۋىرىدە مەزكۇر پارتلاشتا ئۇيغۇر پىدائىيلارنىڭ قولى بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
2015-08-14
قازاقىستاندا ياش ئۆسمۈرلەر تەنھەرىكەت كۇلۇبلىرى كۆپلەپ سانىلىدۇ. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ئالماتا شەھىرىدە ئورۇنلاشقان «ئاتىللا»كۇلۇبىدۇر. مەزكۇر كۇلۇب ئون يىللىق پائالىيىتى مابەينىدە دۇنيانىڭ بىر قانچىلىغان مەملىكەتلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن چامباشچىلىق بويىچە خەلقئارا مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ، چوڭ ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردى.
2015-08-14
11 - ئاۋغۇست مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرى، شۆبە ۋە بۆلۈم مەسئۇللىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بىر مەسلىھەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
2015-08-14
ياپونىيەدە خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتىدا كۆزگە كۆرۈنگەن تەتقىقاتچى، پروفېسسور ئونۇس چوكۇتو «چىڭگىزخان خىتايلارنىڭ قەھرىمانىمۇ؟» ناملىق تارىخىي سىياسىي ئانالىز ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.
2015-08-14
خىتايدىكى تۈرلۈك ئىجتىمائىي مەسىلىلەر توغرىسىدا خىتايدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر قاتارىدا يالغانچىلىقتىن مەسىلىنىڭ ئومۇملاشقان بىر ھادىسە ئىكەنلىكى خىتاي زىيالىيلىرى تەرىپىدىن تەنقىد قىلىنماقتا ۋە ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
2015-08-14
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرى.
2015-08-14
شىنخۋا تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش نامىدا تۈرلۈك پائالىيەتلەر تەشكىللەپ، ئىدېئولوگىيە ۋە نەزەرىيە جەھەتتىكى كونتروللۇقنى كۈچەيتىشكە باشلىغان.
2015-08-14
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي خەلق بانكىسىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى شۆبە بانكىسى 12-ئاۋغۇست كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا ئاتاپ ئالتۇن ۋە كۈمۈش تەڭگە پۇل تارقاتقان.
2015-08-14
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 12-ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچىلارنىڭ كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زىيان سۇغۇرتىسى كېلىشىمى ئۈرۈمچىدە ئىمزا قويۇلغان.
2015-08-14
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقى، ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ئىلى دەرياسى جىلغىسى ئىچىدىكى نىلقا ناھىيىسىنىڭ شالغەر كەنتىدە بىر قەدىمىي كۆمۈر خارابىسىنى قازغان.
2015-08-14
شوتلاندىيەدە ياشاۋاتقان مۇخبىر ۋە يازغۇچى نىك ھولدستوكنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئىككىنچى كىتابى «خىتايدىكى ئۇنتۇلغان خەلق» يېقىندا ئامېرىكىدا يورۇق كۆرگەن.
2015-08-13
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا، قانۇن بىلەن باشقۇرۇش، دىنىي ئەركىنلىك، ئىپادە ئەركىنلىكى، ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2015-08-13
يېقىندا ئاراتۈرك ناھىيەسىنىڭ نوم يېزىسىدىكى يەرلىك ئۇيغۇرلار ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا ئىنكاس يېزىپ، يۇرتىدىكى مۇھىت بۇلغىنىشىدىن شىكايەت قىلغان.