ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2015-09-11
ئامېرىكىلىقلار جۈمە كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك، ۋاشىنگتون، پنسىلۋانىيەنىڭ پېتىسبۇرگ ناھىيەسىدە يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، 11-سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ 14 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.
2015-09-11
تايلاند دائىرىلىرى 17-ئاۋغۇست باڭكوك پارتلاش ۋەقەسىنىڭ پىلانلىغۇچىسى «ئىشان» لەقەملىك ئابدۇراخمان ئابدۇساتتارنىڭ ۋەقەدىن كېيىن خىتايغا كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
2015-09-11
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدىكى مۇقەددەس تاۋاپگاھى بەيتۇللادا قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان كران ئۆرۈلۈپ كېتىپ، ھازىرغا قەدەر 87 ئادەم ئۆلگەن. سەئۇدى ئەرەبىستان خەلق بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يارىدارلارنىڭ سانى 187 گە يېتىدىكەن.
2015-09-10
سۈنئىي مەيدانغا كەلتۈرۈلگەن، كوممۇنىستىك قىزىل روھنى تەرغىب قىلىدىغان «شانلىق 60 يىل. شىنجاڭغا مەدھىيە» تېمىسىدىكى تۈرلۈك شەكىللەردىكى سىياسىي تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن تارقىتىلىدىغان ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى ۋە تور بېكەتلىرىدە ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلىمەكتە.
2015-09-10
خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يېقىندا ئۇيغۇر ئىلىدىكى 10 شەھەر، رايون ۋە ناھىيەگە كېلىپ ئورۇنلاشقان.
2015-09-10
مەلۇم بولۇشىچە، 7-، 8-سېنتەبىر كۈنلىرى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كەلپىن، ئاۋات ناھىيىلىرى قاتتىق يامغۇر ۋە مۆلدۈر ئاپىتىگە ئۇچرىغان.
2015-09-10
تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، بۇ مەسىلە توغرىسىدا داۋاملىق ھالدا ئوبزور، ماقالىلەر يېزىپ ئېلان قىلىۋاتقان ژۇرنالىست ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭمۇ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.
2015-09-10
پاكىستاندىن چىقىدىغان ئوردۇ تىلىدىكى نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردىن بىرى بولغان «پاكىستان ئېكسپرېسس» گېزىتىدە ئىككى ئايدىن بۇيان پاكىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى تۈرلۈك ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلار ھەققىدە بەس مۇنازىرە ماقاللىرى ئېلان قىلىنغان.
2015-09-10
قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار مەرھۇم شائىر ۋە يازغۇچىلارنى خاتىرىلەپ، دائىم ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرغان. يېقىندا ئەنە شۇنداق خاتىرىلەش پائالىيىتى ئالماتا شەھىرىدە ئۆتتى.
2015-09-10
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى پەيشەنبە كۈنى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ 14 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى. ئۇلار باياناتىدا، ئامېرىكىدىكى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، دۇنيا جامائىتىنى، تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلاندۇرۇلغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى.
2015-09-10
خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىغا مەخسۇس ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىپ، چىرىك ئەمەلدارلارنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئوخشاش كۈندە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسى بىڭتۇەننىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، بىڭتۇەن 8-دېۋىزىيىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى، شىخەنزە شەھەرلىك پارتكوم سېكرېتارى سۇڭ جىگونىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ئېلان قىلىندى.
2015-09-10
تايلاند دائىرىلىرى بۈگۈن باڭكوكتىكى پارتلاشقا چېتىشلىق، دەپ ئېلان قىلغان جىنايەت گۇماندارلىرىدىن بىرى بولغان «ئابدۇراخمان ئابدۇساتتار» ئىسىملىك كىشىنىڭ خىتاي پاسپورتى بارلىقىنى، ئۇنىڭ ۋەقەدىن بىر كۈن بۇرۇن تايلاندتىن ئايرىلىپ، بېنگال ئارقىلىق خىتايغا قايتىپ كەتكەنلىكىنى جاكارلىدى.
2015-09-10
ئۇيغۇر ئېلى ساقچى دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا زەھەرلىك چېكىملىككە چېتىلىدىغان دېلولارنىڭ تېز كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا دەرھال زەربە بېرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
2015-09-10
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى بۈگۈن بىر نەپەر خىتاي ۋە بىر نەپەر نورۋېگىيە پۇقراسىنى گۆرۈگە ئالغانلىقىنى جاكارلىغان.
2015-09-10
3-سېنتەبىر كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1949-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ ياپونغا قارشى ۋە فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغۇچى دۆلەتلىك سالاھىيىتىنى نامايان قىلىدىغان مۇراسىم ۋە ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈلدى.