ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2015-09-02
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىن پۇتبولغا ئائىت خوش خەۋەرلەر ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇردى، ئۇيغۇر پۇتبول نوتىلىرى، ياشلار، ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىلىرى خىتاي ئىچى-سىرتىدىكى پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە ئىزچىل چېمپىيونلۇقنى قولدىن بەرمەي رەقىبلىرىگە ھەيۋىسىنى كۆرسەتتى.
2015-09-02
تۈركىيەدە ئۇيغۇر تارىخىدا ئۆتكەن قەھرىمانلارنى تۈرك بالىلارغا ئۆگىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر تارىخىدا ئۆتكەن قەھرىمانلار توغرىسىدا رەسىملىك كىتابلارنى يېزىپ نەشر قىلدۇرۇشقا باشلاندى.
2015-09-02
30-ئاۋغۇست پاكىستاننىڭ «بادىشىمال» قاتارلىق گېزىتلىرىدە پاكىستاننىڭ قەشقەردە، خىتاينىڭ گىلگىت شەھىرىدە كونسۇلخانا قۇرماقچى بولغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بېرىلگەن.
2015-09-02
خىتايغا ھەربىي پارات ئۈچۈن بارغان پاكىستان پرېزىدېنتى مەمنۇن ھۈسەيىن ئۆز دۆلىتى تېررىتورىيەسىدىكى ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىنى «ئاساسەن» تازىلاپ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2015-09-02
خىتاي پايچەكلىرى سېنتەبىر كىرىشى بىلەن يەنە جىددىي تۆۋەنلەشكە باشلىدى. شاڭخەي ئىندېكسى 31-ئاۋغۇست بىر ئاز يۇقىرى ئۆرلىگەن بۆلسىمۇ، 1-سېنتەبىر 1.23 پىرسەنت تۆۋەنلىدى. تۆۋەنلەش چارشەنبە كۈنىمۇ داۋام قىلىپ، بازار ئەتىگەندە 4.7 پىرسەنت چۈشتى.
2015-09-02
تايلاند ساقچى دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى ئۆتكەن ئايدا باڭكوك شەھىرىدە يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسىگە ئالاقىدار يەنە بىر گۇماندارنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلىدى ۋە ئۇنىڭ تۈرك پۇقراسى ئىكەنلىكى بىلدۈردى.
2015-09-02
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى خىتايدىن ئۆتكەن ئايدا قولغا ئېلىنغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
2015-09-02
ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جەنۇبىي دېڭىزدىكى رىقابەتتىن چۈچۈگەنلىكىنى، مەزكۇر رايون ئاتموسفېراسىنىڭ زور ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەتىرى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
2015-09-01
خىتاي سوتى ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى خەلقئارا تېررورلۇق ھەرىكىتىگە قېتىلىش ئۈچۈن چىگرادىن قانۇنسىز ئۆتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 45 ئۇيغۇر تۇتقۇن ئۇستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلغان، ھۆكۈمدە مەھكۇملار 4 يىلدىن مۇددەتسىزگە قەدەر ئوخشىمىغان مۇددەتتە قاماققا بۇيرۇلغان ئىدى.
2015-09-01
خىتاي ھۆكۈمىتى 3-سېنتەبىر كۈنى ئۆتكۈزىدىغان ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى زور مۇراسىم بىلەن خاتىرىلەش ئالدىدا تۇرماقتا.
2015-09-01
شاھىتلارنىڭ كەچمىش ۋە بايانلىرى ئالىي مەلۇماتلىق بىر قىسىم ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرى دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي بېسىم بىلەن ئۇلارنىڭ ساراسىم ئىلىكىدىكى ئېغىر تىنىقلىرىنى ئاشكارا قىلماقتا.
2015-09-01
داڭلىق خىتاي ئۆكتىچىلىرىدىن بىرى بولغان ۋېى جىنشىڭنىڭ ئاۋغۇستنىڭ ئوتتۇرىلىرى گوللاندىيەنىڭ دەنخاھ شەھىرىدە ئېچىلغان 2-قېتىملىق «جۇڭگو يولى» يىغىنىدىكى بەزى كۆز قاراشلىرىغا ئوخشىمايدىغان پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقتى.
2015-09-01
تۈركىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان قارابۈك ۋىلايىتىنىڭ سافرانبولۇ ناھىيىسىدە چاقىرىلغان 2-نۆۋەتلىك ئەخمەت يەسەۋى قۇرۇلتىيىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
2015-09-01
ياپونىيەدىكى «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلىنىڭ 1-سېنتەبىردىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇرلارنى ھاراق ۋە تاپانچا بىلەن قورقۇتۇۋاتىدۇ» ناملىق سىياسىي ئانالىز ماقالىسى كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.
2015-09-01
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تايلاند باش مىنىستىرى پرايۇس چان ئوچا 1-سېنتەبىر سەيشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، تايلاندتا 17-ئاۋغۇستتا يۈز بەرگەن پارتلاشتىكى 2-گۇماندارنىڭ خىتاي پۇقرالىقىدىكى ئۇيغۇر بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.