ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2015-09-28
ئامېرىكا ئاۋازى ۋە باشقا چوڭ تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۇنيادىكى مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ 35 تەشكىلات ۋەكىللىرى 21-سېنتەبىر كۈنى موسكۋاغا تەكلىپ قىلىنىپ يىغىن ئاچقان.
2015-09-28
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار» نىڭ ئاتالمىش «ئاشقۇنلۇق» قا قارشى كۈرەشتە يېتەكچى كۈچ بولۇشىنى تەلەپ قىلغان.
2015-09-28
شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۆكتەبىر بايرىمى مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىدا ئاسان ئوت ئالىدىغان ياكى پارتلايدىغان خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارنى ۋاقىتلىق توختىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان.
2015-09-28
«ئىسرائىل ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «ئەگەر بەشەر ئەسەد تەلەپ قىلسا جۇڭگو ھۆكۈمىتى سۈرىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىدۇ» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىنغان.
2015-09-28
«ئاسىيا سېنتىنال» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مالايشىيادىكى خىتاي ئەلچىسىنىڭ مالايشىيانى ئىرقچىلىق بويىچە ئەيىبلىشى مالايشىيا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بىر مەيدان دىپلوماتىك سۈركىلىشكە سەۋەب بولغان.
2015-09-27
ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى، تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان تارىخى تەتقىقاتى بىلەن تونۇلغان پروف. در. مەھمەت ساراي ئەپەندى يازغان «شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرىنىڭ تارىخى» ناملىق كىتاب ئايگان نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.
2015-09-27
پاكىستاندىكى ئاۋات شەھەرلەردىن بىرى ھېسابلىنىدىغان راۋالپىندى شەھىرىدىكى خوتەن رابات تارىختا ئۆتكەن ساخاۋەتچى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزنالىرىنىڭ بىرىدۇر.
2015-09-27
خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچ كۈندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر قايسى جايلاردا دىنىي، مائارىپ، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى زاتلار ۋەكىللىرى ۋە خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىن ھال سوراش ھەم ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن مەخسۇس مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى سۈپىتىدە خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ۋە سىياسىي كېڭەش رەئىسى يۈ جېڭشېڭ باشچىلىقىدا ئۇيغۇر ئېلىگە كەلگەن.
2015-09-27
خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن مەخسۇس ئەۋەتىلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باش كاتىپى، خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە سىياسىي بيۇرو ئەزاسى ليۇ يەندوڭ 25-سېنتەبىر كۈنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتتە بولۇپ، ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەندە خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قاتار ئۈمىد-ئارزۇلىرىنى بىلدۈردى.
2015-09-27
موسكۋا ۋە تېھران رۇسىيەنىڭ ئىراننى 21 مىليارد دوللار قىممىتىدە ئاۋىئاتسىيە ۋە ئالەم تېخنىكىسى ئەسلىھەلىرىنى تەمىنلىشى ھەققىدە كېلىشىم ئىمزالىدى.
2015-09-27
قىرىم تاتارلىرى بۇ ھەپتىدىن بۇيان ئۇكرائىنادىن قىرىمغا كىرىدىغان چوڭ يوللارنى قامال قىلىپ، ئۇكرائىنادىن قىرىمغا توشۇلىدىغان يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى كىرگۈزمەسلىك پائالىيىتى باشلىدى.
2015-09-27
سۈرگۈندىكى تىبەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلىرىدىن بىرى ئاچوك رىنپوچې ئىسىملىك راھىپنىڭ خىتايغا قايتىپ ئۆز يۇرتىغا ئورۇنلىشىشى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەستىقلانغان.
2015-09-27
ئۇيغۇرلار سىياسىي، مىللىي ۋە دىنىي ھوقۇقلىرىنىڭ مىسلىسىز دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى شىكايەت قىلىۋاتقان پەيتلەردە خىتاي دائىرىلىرى ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىگە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرىنى ئەۋەتىشكە باشلىغان.
2015-09-26
پرېزىدېنت ئوباما خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتىدا خىتاينىڭ مەسىلىلەر بىلەن تولۇپ كەتكەن كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىد قىلدى.
2015-09-26
ئوباما خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئىنتېرنېت جاسۇسلۇقى ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما جۈمە كۈنى خىتاينى يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر خىتاي ئامېرىكىغا قارىتىلغان تور ھۇجۇملىرىنى يەنە سادىر قىلىدىكەن جازا خاراكتېرلىك ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.