ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2015-09-24
ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭغا قوشنا ۋىرجىنىيە ۋە مارىلان شتاتلىرىدىن يىغىلغان نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر جامائىتى فايرفاكس رايونىدىكى تۈرك جامەسىگە جەم بولۇپ، قۇربان ھېيت نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇدى.
2015-09-24
بۈگۈن، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ چوڭ ھېيتلىرىدىن بىرى بولغان قۇربان ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى. تۈركىيەدىكى مۇساپىر ئۇيغۇرلارمۇ ۋەتەننى سېغىنىش ۋە بىرلىك ئىتتىپاقلىق ئىچىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە قۇربان ھېيت ئۆتكۈزمەكتە.
2015-09-24
شۇ يەر ۋاقتى 24-سېنتەبىر كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مۇقەددەس ماكان-مەككىگە ھەجگە كەلگەن ئىككى مىليون مۇسۇلمان ھېيت نامىزى ۋە ھەج پائالىيىتىگە داخىل بولدى.
2015-09-24
گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار گوللاندىيەنىڭ زەيست شەھىرىگە جايلاشقان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدە جەم بولۇپ، قۇربان ھېيت نامىزى ئوقۇدى.
2015-09-24
گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى قۇربان ھېيت نامىزىنى د ئۇ ق باش شتابى زالىدا بىرگە ئوقۇپ، بىر-بىرىنىڭ بايرىمىنى قۇتلىدى.
2015-09-24
شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بىلەن بىرلىكتە 24-سېنتەبىر كۈنى شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولمنىڭ رنىكىبىي رايونىدىكى سومالى مەسچىتىدە بىر يەرگە جەم بولۇپ، قۇربان ھېيت نامىزىنى ئوقۇدى.
2015-09-24
12 نەپەر نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباماغا مەكتۇپ يوللاپ، ئۇنى شى جىنپىڭغا تۈرمىدىكى يازغۇچى ليۇ شاۋبونى قويۇۋېتىش ھەققىدە بېسىم قىلىشقا چاقىردى.
2015-09-24
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ جەنۋەدە چاقىرىلغان 30-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان.
2015-09-24
پەيشەنبە كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى.
2015-09-24
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكىدىكى زىيارىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن دەس تۇرىدىغان پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.
2015-09-24
تونۇلغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپى، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتى گاۋ جىشىڭ ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا تۈرمىدىن ئازاد قىلىنغاندىن بۇيان تېخى ئالدىنقى كۈنى تۇنجى قېتىم ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى بىلەن يۈزمۇ-يۈز كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىدى. ئەمما گاۋ جىشىڭنىڭ بۇ زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ ئارىدىن بىر كۈن ئۆتمەيلا يەنە قايتىدىن قولغا ئېلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.
2015-09-23
قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئاۋۋال پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا ۋە ئۇيغۇرلارغا سەمىمىي ھېيتلىق سالىمىنى يوللىدى.
2015-09-23
يېقىندا خوتەن ۋىلايىتىنىڭ يېزا-كەنتلىرىدە يەرلىك دائىرىلەر بىلەن ساقچىخانىلار بىرلىشىپ خەلقنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىگە «مۇجاھىت، مۇسلىمە، سەيپىدىن» قاتارلىق مۇسۇلمانچە ئىسىملارنى قويۇشىنى چەكلىگەن.
2015-09-23
بۇ يىل 3-سېنتەبىر كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1949-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشتا ۋە فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغۇچى دۆلەتلىك سالاھىيىتىنى نامايان قىلىدىغان ھەربىي پارات ئۆتكۈزدى.
2015-09-23
تۈركىيە ئۇيغۇر مۇساپىرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ، سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى ئىچكى ئۇرۇشتىن قېچىپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىمۇ بارغانسېرى ئېغىرلاشماقتا.