ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2015-09-17
ئىسلامئابادتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بىر قانچە يىلدىن بۇيان راۋالپىندى شەھىرىدىكى خىتاي مۇھاجىرلار جەمئىيىتىنى قۇرغۇچىلىرىدىن بولغان رىزاخان ۋە ناسىرخان ئائىلىسىگە كېلىپ، بۇ يەرگە جەم بولغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا قۇربانلىق قوي گۆشى تارقىتىپ بەرگەن.
2015-09-17
خەلق گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۆرتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي ئەزاسى، بىرلىكسەپ بۆلۈم باشلىقى گو شياڭيى ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈشكە ئېلىنغان.
2015-09-17
رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما چارشەنبە كۈنى سۆز قىلىپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىدا ئوتتۇرىغا قويىدىغان مۇھىم مەسىلىنىڭ بىرىنىڭ ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ سۆزىدە، ئىنتېرنېتنىڭ ھەرقانداق بىر دۆلەت تەرىپىدىن قارشى دۆلەتكە ھۇجۇم قىلىدىغان قورالغا ئايلاندۇرۇلماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
2015-09-17
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى ئالدىدا مەخسۇس «خىتايدىكى قەھرىمانلارنى ئەركىنلىككە چىقىرىش تەشەببۇسى» نى ئېلان قىلدى. مەزكۇر تەشەببۇس خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى رەئىسى كىرىس سىمىس ۋە مۇئاۋىن رەئىس ماركو رۇبىيولار باشچىلىقىدا ئېلان قىلىنغان.
2015-09-17
بۈگۈن تايلاند ساقچى دائىرىلىرى باڭكوكتىكى پارتلاش دېلوسىغا چېتىشلىق بىر پاكىستانلىق ئەر ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى. دائىرىلەر ئابدۇل تاۋاپ ئىسىملىك بۇ پاكىستانلىق ئەرنى رۇخسەتسىز پارتلاتقۇچ بويۇم ۋە جەڭ ماتېرىياللىرى ساقلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن.
2015-09-17
16-سېنتەبىر كۈنى ئاخشام ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ 13 نەپەر پرېزىدېنت نامزاتى ئوچۇق مۇنازىرىگە قاتنىشىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى مەسىلىلىرىگە بولغان كۆز قاراشلىرى، سىياسىي پوزىتسىيىسى ۋە پىلانلىرى ئۈستىدە مۇنازىرىلەشتى.
2015-09-16
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر، خىتاي ۋە تىبەت ئاكتىپلىرى بىرلىكتە ئاقساراي ئالدىغا يىغىلىپ، مەتبۇئات باياناتى يىغىنى ئاچتى.
2015-09-16
نىكاھ ھاياتىدا بېسىلغان خاتا قەدەمنىڭ بەدىلىنى ھەممىدىن بەكرەك بالىلار تۆلەيدىغانلىقى پاكىستانلىققا تەككەن ئاسىيە كېرىمنىڭ ئائىلە ھاياتىدىمۇ ئاشكارا ئىپادىلەنگەن.
2015-09-16
كۆزەتكۈچىلەر تايلاندتىكى پارتلاشنىڭ ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق بولۇش ئېھتىماللىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زەربە بېرىش سىياسىتىنى يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنىڭ يادىغا سالدى، دەپ باھا بەرگەن.
2015-09-16
تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەڭ چوڭ ياشلار ئۇيۇشمىلىرىدىن بىرى بولغان «ئۈلكۈ ئوجاقلىرى مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى» ژۇرنىلىنىڭ 8-ئايلىق سانىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئاتىدى.
2015-09-16
8-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ ھەج پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىن مەككىگە كەلگەن ئۇيغۇر ھاجىلار خىتاي ھەج ئۆمىكى مەسئۇللىرىنىڭ تۈرلۈك سىياسىي بېسىملىرىغا دۇچ كەلگەن.
2015-09-16
تايلاند ساقچى دائىرىلىرى 15-سېنتەبىر كۈنى ئالدىنقى ئاي باڭكوكتا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئېلان قىلدى. ئەمما ۋەقەنى «ئادەم ئەتكەسچىلىرىنىڭ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى» دەپ ئاتىدى.
2015-09-16
يېقىندا ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ چېلەك تەۋەسىگە قاراشلىق ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان قاراتۇرۇق يېزىسىدا يازغۇچى قاسىم ئىسمايىلوفنىڭ «ئۇرۇشتا جەڭگىۋار، ئېتىزدا زەربىدار» ناملىق كىتابىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى.
2015-09-16
بۇ يىل 7-8-ئايلىق يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاق كومىتېتى مەخسۇس 12 مىڭ نەپەر ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىنى تەشكىللەپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قايسى جايلىرىدىكى يېزا، قىشلاقلاردا ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، سىياسەت، قانۇن ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى تەشۋىق قىلىشقا سېلىنغان.
2015-09-16
خىتاي ئۇچۇر مەنبەلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە قاتناش قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىشتا كۆپ مەسىلىلەر مەۋجۇت بولۇپ، پەقەت 9 كۈن ئىچىدىلا 30 مىڭ قېتىم قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىش كۆرۈلگەن.