ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2015-09-26
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى رايوندا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما زەربە بېرىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2015-09-25
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 30-نۆۋەتلىك يىغىنغا د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە قۇرۇلتاي پروگرامما خادىمى پېتىر ئەپەندىلەر قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تەكرار ئوتتۇرىغا قويغان.
2015-09-25
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرى.
2015-09-25
18 -سېنتەبىر سەھەردە باي ناھىيەسىنىڭ تېرەك بازىرىدىكى سوغان كۆمۈر كېنىغا ھۇجۇم قىلغان پىدائىيلار ھۇجۇمدىن كېيىن تاغ باغرىغا چېكىنگەندىن بۇيان، تا بۈگۈنگىچە تۇتۇق بەرمىگەن.
2015-09-25
25-سېنتەبىر ئەتىگەن سائەت 11 دىن باشلاپ، ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى ئاقساراي ئالدىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا قارشى زور كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
2015-09-25
ئاچا-سىڭىل ئىككى ئۇيغۇر قىزنىڭ ساقچىلارنىڭ زورۋانلىقىغا كۆرسەتكەن قارشىلىقى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى جامائەتچىلىك ئارىسىدا كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا.
2015-09-25
قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن 9-ئاينىڭ 24-كۈنى قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھېرىدە خەيرى-ساخاۋەت پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدىكى تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىقى بولغان، قۇربانلىق قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان 400 ئائىلىگە قۇربانلىق گۆش تارقىتىلدى.
2015-09-25
رابىيە قادىر خانىم پرېزىدېنت ئوبامادىن شى جىنپىڭدىن ئۇيغۇرلار ۋە باشقىلارنىڭ ئۈستىدىكى يولسىز باستۇرۇشنى توختىتىشنى، تۈرمىدىكى بارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرى ۋە بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى قويۇپ بېرىشنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
2015-09-25
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى شاۋكەت ئىمىن پەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدە كونسېرۋاتىپ ئىسلامى كىيىم-كېچەكلەرنىڭ چەكلىگەنلىكىنى ئاقلاپ، بۇرقا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچىكى ئەمەس، ئۇ بىر خىل رادىكال كىيىم-كېچەك، دېگەن.
2015-09-25
خىتاي دۆلەت ئاخباراتى ئەنگلىيە مالىيە مىنىستىرى جورج ئوسبورننىڭ ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى ماختاپ، «ئوسبورن بىر مەدەنىي دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بولۇش سۈپىتىدە ئۇنىڭ قائىدە يوسۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىزگە كۆرسىتىشى كېرەك» دېگەن.
2015-09-25
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كەرىي ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسىدا خىتاي تۈرمىسىدىكى ئىلھام توختى قاتارلىق ئۆكتىچىلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى قوبۇل قىلدى.
2015-09-25
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما جۈمە كۈنى ئەتىگەن ئاق ساراينىڭ باغچىسىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى كۈتۈۋالدى. ھەر ئىككى دۆلەت رەھبىرى مۇراسىمدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
2015-09-25
تايلاند ساقچى دائىرىلىرى جۈمە كۈنى 17-ئاۋغۇست باڭكوك پارتلاش ۋەقەسىنىڭ گۇماندارى ئادام قاراداغنى قانۇن جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن يېتەرلىك دەلىل-ئىسپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئادام قاراداغ پارتلاش ۋەقەسىگە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان 2 گۇماندارنىڭ بىرى. گۇماندارلارنىڭ يەنە بىرى مىرئەلى يۈسۈپ، كامبودژا چېگراسىدا قولغا ئېلىنغان.
2015-09-24
مەلۇم بولۇشىچە، 18-سېنتەبىر كۈنى سەھەردە باي ناھىيىسىدىكى سوغان كۆمۈر كېنىغا ھۇجۇم قىلغان پىدائىيلار ئالدى بىلەن كاندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئامانلىق خادىملىرى ۋە كان خوجايىنلىرىغا زەربە بەرگەن.
2015-09-24
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە چاقىرىلغان ئاخبارات يىغىنى نۇقتىلىق جۇڭگودىكى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنى تېما قىلغان. مەزكۇر يىغىن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋاشىنگتونغا يېتىپ كېلىپ، پرېزىدېنت ئوباما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ھارپىسىدا چاقىرىلدى.