ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2016-12-09
تۈركىيەدە ياشاۋاتقان قەشقەر توققۇزاقلىق مۇھاجىر ئابدۇراخمان ھاجى توققۇزاقنىڭ لەنگەر يېزىسىدا كۆپ ساندىكى مەسچىتلەرنىڭ چېقىلغانلىقىنى يەنى 86 مەسچىتتىن 57 سىنىڭ چېقىلغانلىقىنى مەلۇم قىلغان.
2016-12-09
10-دېكابىر دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ قوغدىلىشىنى تەكىتلەيدىغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرماقتا.
2016-12-09
12-دېكابىر باۋارىيە پارلامېنتىدا «پروفېسسور ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى» دېگەن تېمىدا خەلقئارالىق يىغىن چاقىرىلىدۇ.
2016-12-09
يېقىندا ئالماتا شەھىرىدە «ئىجادكار» ناملىق ئەدەبىي-پۇبلىستىكىلىق، ئىلمىي-ئاممىباپ ژۇرنىلىنىڭ تۇنجى سانى يورۇق كۆردى.
2016-12-09
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردا قوش تىللىق مائارىپنى تەدرىجىي كۈچەيتىشى «ئۇيغۇر تىلى مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك خىتايچىلاشتۇرۇش» سىياسىتى دەپ تەنقىدلىنىپ كېلىۋاتقان ئىدى.
2016-12-09
«ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك مەسىلىلەر» ناملىق چاتما ماقالىدە، ئاپتور بەزى بىر ئاساسسىز پاكىتلار ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قارىلىغان.
2016-12-09
ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل، خىتاي ئۆكتىچى رەھبەرلىرى جۈمە كۈنى ئورتاق خىتابنامە ئېلان قىلىپ، ھەر قايسى ئەل ھۆكۈمەتلىرىنى خىتاينىڭ ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تەدبىر ئېلىشقا چاقىرغان.
2016-12-09
جەنۇبىي كورېيە پارلامېنتى جۈمە كۈنى ئاۋاز بېرىپ، پرېزىدېنت پاك گيۇنخۇينى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش قارارىنى ماقۇللىدى. قارار لايىھەسىگە 234 پارلامېنت ئەزاسى قوللاپ، 56 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى قارشى ئاۋاز بەرگەن. ئىككى كىشى ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچكەن.
2016-12-09
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى پەيشەنبە كۈنى ئاۋاز بېرىپ، ئىنسان ھەقلىرىگە خىلاپلىق قىلغان چەتئەل ئەمەلدارلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەش، ئامېرىكىدىكى مال-مۈلكىنى توڭلىتىش ھەققىدىكى بىر قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللىدى.
2016-12-09
ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 28 دۆلەتنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى ۋە ئەلچىلىرى جۈمە كۈنى ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 28 دۆلەت ئەلچىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى تەنقىد قىلىشىدۇر.
2016-12-09
9-دېكابىر، «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» ھارپىسىدا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل، تەيۋەن، خوڭكوڭ مۇستەقىلچىلىرى ۋە فالۇنگۇڭ ۋەكىللىرى تەيۋەندە ئورتاق ئاخبارات يىغىنى چاقىرىپ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ بۇ رايونلاردىكى سىياسىتىنى ئەيىبلىدى.
2016-12-09
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرى.
2016-12-08
2016-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئومۇميۈزلۈك سالامەتلىك تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغان.
2016-12-08
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ «ئۇيغۇر -خەنزۇ قوشماق تۇغقاندارچىلىق» مۇناسىۋىتى قۇرۇش ھەرىكىتى بۇ يىل 9-ئايدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
2016-12-08
بۇنىڭدىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى بىشكەك شەھىرىدە قىرغىزىستان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە كەڭ تونۇلغان شائىرە ۋە ژۇرنالىست خەيرىنىسا تۇردى ئالەمدىن ئۆتكەن ئىدى.