ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2016-12-07
6-دېكابىر ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى ھەققىدە ئاخىرقى قېتىم سۆز قىلغان پرېزىدېنت ئوباما ئالدى بىلەن ئامېرىكا ئارمىيىسىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى، ئاندىن دونالد ترامپنىڭ مۇسۇلمانلار ھەققىدىكى سۆزلىرىنى ئۇنىڭ نامىنى تىلغا ئالماي تۇرۇپ تەنقىد قىلدى.
2016-12-07
ۋاشىنگتوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگرامما گۇرۇپپىسى كېلىش ئالدىدا تۇرغان 10-دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن بىر چاقىرىقنامە ئېلان قىلدى.
2016-12-07
شەندۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى، پروفېسسور سۈن ۋېنگۇاڭ ئۆزىنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىكىگە مۇستەقىل نامزاتلىققا كۆرسەتمەكچى بولغىنى ۋە بۇ مەقسەتتە ئېلىپ بارغان تەشۋىقات پائالىيىتى سەۋەبلىك ساقچىلار تەرىپىدىن نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان.
2016-12-07
خەلقئارا خەۋەرلەردە تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېننىڭ كېلەر ئايدا ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقى ۋە بۇ جەرياندا ئامېرىكىدا توختاپ ئۆتۈش، ھەتتا دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشۈش ئېھتىماللىقى خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ دىققەت ۋە ئىنكاسىنى قوزغىدى.
2016-12-06
خىتاي دائىرىلىرى ئاتالمىش دىنىي ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا، ئۇيغۇر رايونىنىڭ بەزى جايلىرىدا بىر قىسىم، بەزى جايلىرىدا كۆپ قىسىم مەسچىتلەرنى چاقماقتا ۋە ئەمەلدىن قالدۇرماقتا.
2016-12-06
ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قانداق بىر سەۋەب بىلەن چەتئەلگە چىقىشى ئالدى بىلەن پاسپورت ئېلىشىنىڭ تەسلىكىدەك توسالغۇغا ئۇچراپ كەلدى.
2016-12-06
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە ئولتۇرغاندىن بېرى «چىرىكلىككە قارشى كۈرەش» نى باشلاپ، چوڭ-كىچىك نۇرغۇن ئەمەلدارنى جازالىدى.
2016-12-06
باۋارىيە يېشىللار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى مارگارىتا باۋزې خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاي تۈرمىلىرىدىكى بىگۇناھ ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى ئۇنتۇماسلىقنى تىلغا ئالدى.
2016-12-06
تۈركلەر ئۇيغۇر دىيارىنى« ئاتا يۇرتىمىز »دەپ قارىغاچقا، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، تارىخى، ئەدەبىياتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتىگە ئالاھىدە قىزىقىدۇ.
2016-12-06
مەلۇمكى، خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ تۇنجى رەئىسى ماۋ زېدوڭ دەۋرىدە يۈرگۈزۈلگەن ئىسلاھاتلار نەتىجىسىدە مىليونلارچە كىشى زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىغان ئىدى.
2016-12-06
دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قوش تىل مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن، كورلا قاتارلىق جايلاردا 2017-يىل ئىچىدە تۆت ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلار ئۈچۈن «3 يىللىق قوش تىل يەسلى مائارىپى» نى ھەقسىزلەشتۈرۈش پىلانىنى ئېلان قىلىشى جىددىي ئىنكاس قوزغىدى.
2016-12-06
2016-يىلى قىش پەسلى كىرىشى بىلەن ئۈرۈمچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى شىخەنزە، سانجى، بورتالا قاتارلىق جايلاردا قويۇق تۇمانلىق ھاۋارايى ھادىسىسى ئېغىرلاشقان.
2016-12-06
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەمەلدارى 6-دېكابىر سەيشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ يىل 11-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن بۇيان «مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەن» كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جاڭ تيەنيۇڭ ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
2016-12-06
رادىيومىزغا كەلگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 4-دېكابىر «خىتاي قانۇن كۈنى»دە تەخمىنەن 2000 دەك ئەرزدار بېيجىڭدىكى دۆلەتلىك ئەرزىيەت ئىدارىسى ئالدىدا توپلىنىپ نامايىش قىلغاندا بىر تۈركۈم ئەرزدارلار تۇتقۇن قىلىنغان.
2016-12-06
ئامېرىكىنىڭ 45-نۆۋەتلىك پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ مەسلىھەتچىسى ستېپېن ياتېس باشلامچىلىقىدىكى بىر ئۆمەك 6-دېكابىر تەيۋەندە زىيارەتتە بولدى. تەيۋەن تاراتقۇلىرىنىڭ بۈگۈنكى خەۋەرلىرىدە ستېپېن ياتېس ھەققىدىكى خەۋەرلەر باش سەھىپىدىن ئورۇن ئالغانلىقى مەلۇم.