ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2016-01-18
«ئاسىيا كىندىكى تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق «كۈسەن تەتقىقات يۇرتى» يېقىندىن بۇيان چەتئەل مۇزېيلىرىدا ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى كۈسەنگە دائىر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۈرۈشتە قىلماقتىكەن.
2016-01-18
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي مۇھىت مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، «2016-يىللىق چاغان مەزگىلىدە ئېتىلداق ئېتىشنى مەنئى قىلىش توغرىسىدىكى خىزمەت بەلگىلىمىسى» نى ئېلان قىلغان.
2016-01-18
«خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇنيا ئىلىم ساھەسىدە تونۇلغان 400 نەپەر بىلىم ئادىمى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا ئوچۇق خەت يېزىپ، تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان.
2016-01-18
شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندىن بۇيان خىتايدا «ج خ مىنىستىرلىقى چاغان مەزگىلىدە ساقچى سىستېمىسىنىڭ تورىنى تاقايدىكەن» دېگەن گەپ-سۆزلەر تارقالغان.
2016-01-18
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئافغانىستان، پاكىستان، ئامېرىكا ۋە خىتايدىن ئىبارەت 4 دۆلەتنىڭ ئافغانىستان تىنچلىقى بويىچە كابۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبىتى بۈگۈن ئاخىرلاشقان.
2016-01-18
خىتاي نېفىت ساھەسى 2015 - يىلى، ئۇيغۇر رايونىدىكى تۆت نېفىتلىكتىن 27 مىليون 880مىڭ توننا نېفىت ئالغان.
2016-01-18
شەنبە كۈنى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىرانغا قاراتقان بارلىق ئىمبارگولىرىنى بىكار قىلغانلىقىى ئېلان قىلىندى. خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئاگېنتلىقى تېھراننىڭ ئۆزىنىڭ يادرو پىلانىنى توختىتىش ھەققىدىكى بارلىق شەرتلىرىنى ئورۇندىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
2016-01-18
ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىرانغا قاراتقان بارلىق ئىقتىسادىي ئىمبارگولىرىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن يەكشەنبە كۈنىدە پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىدە نېفىت باھاسى بىراقلا چۈشۈش كۆرۈلگەدىن تاشقىرى يەنە ئەرەب دۇنياسىدىكى ئەڭ چوڭ ئاكسىيە بازىرى ھېسابلىنىدىغان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئاكسىيە بازىرىدىمۇ 6 % تۆۋەنلىگەن.
2016-01-18
شەنبە كۈنى تەيۋەندىكى پرېزىدېنت سايلىمى نەتىجىسىدە، دېموكراتىيە ئىلغارلىق پارتىيەسىدىن كېلىپ چىققان نامزات، دوكتور سەي يىڭۋېن 60% ئاۋاز بىلەن غەلىبە قىلىپ، تەيۋەن تارىخىدىكى تۇنجى ئايال پرېزىدېنت بولۇپ سايلاندى.
2016-01-18
ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ 11 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى 12 - نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ 4 - قېتىملىق يىغىنى 15 - يانۋار كۈنى رەسمىي ئاخىرلاشتى.
2016-01-16
خىتاينىڭ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلىپ بارغان بىر تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا خىتاي دۇنيا بويىچە كىرىم تەڭپۇڭسىزلىقى ئەڭ ئېغىر دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
2016-01-16
فىلىپپىن دائىرىلىرى ئامېرىكىغا 8 ھەربىي بازىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى قارار قىلغان. فىلىپپىن ھەربىي باياناتچىسىنىڭ 13 - يانۋار ئېيتىشىچە، فىلىپپىن دۆلەتلىك ئالىي سوتى فىلىپپىن - خىتاي ئارىسىدا شەكىللىنىۋاتقان جىددىيلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، ۋاشىنگتون تەرەپ بىلەن تۈزۈلگەن بۇ ھەقتىكى كېلىشىمنى كۈچكە ئىگە قىلغان.
2016-01-16
خىتاينىڭ چاغان بايرىمى كېلىش ئالدىدا خېنەندىكى بىر ئېتىلداق زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 10 ئادەم ئۆلگەن، 7 ئادەم يارىلانغان.
2016-01-16
«سودا ئىچكى خەۋەرلىرى» تورىدا كۆرسىتىشچە، خىتاي پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنىڭ تۆۋەنلىشى، خىتاي ئىقتىسادىي سۈرىتىنىڭ ئاستىلىشى ۋە خىتاي دۆلەت قەرزىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ خىتاي ئامېرىكا دوللىرى ئۈستۈنلۈكىنى ئىگىلەيدىغان خەلقئارا بازاردا ئۆز قەرزلىرىنى تۆلەشتە قىيىنچىلىققا يولۇقىدىكەن.
2016-01-16
باي ۋەقەسىدە ئۆلگەن ساقچىلارنىڭ سانىنىڭ 9 نەپەر ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، د ئۇ ق باياناتچىسى بۇ ھەقتە خىتاي تەرەپنى ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئاشكارا بولۇشقا يەنە بىر قېتىم دەۋەت قىلدى.