ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2016-01-16
مەركىزى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدە ئىسلام دۇنياسى جەمئىيەتلەر بىرلىكى ئالىي كېڭەش يىغىنى چاقىردى.
2016-01-16
يېقىندا ياپونىيە «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلىدا كاۋاتو ئاكىئونىڭ «سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدا يۈز بەرگەن ئىنقىلاب خىتايدىمۇ يۈز بېرەمدۇ؟» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.
2016-01-16
خىتاي چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن قوللىنىۋاتقان بەزىلىرىنى تېررورچى بەتناملار بىلەن قارىلاش، بەزىلىرىنى ئۆزىگە تارتىپ ئىشلىتىشتەك ئىككى خىل ئۆلچەملىك سىياسىتىنى كۈچەيتمەكتە.
2016-01-16
1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى ۋە ئۇيغۇرلار» دېگەن تېمىدا يىغىن ئېچىلدى.
2016-01-15
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرى.
2016-01-15
خىتاي پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگىنى جۈمە كۈنى ئامېرىكا بىلەن سابىق كومپارتىيە باش سېكرېتارى خۇ جىنتاۋنىڭ ئىشخانا مۇدىرى لىڭ جىخۇانىڭ ئامېرىكىغا قېچىپ كەتكەن سودىگەر ئاكىسىنىڭ مەسىلىسىنى سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
2016-01-15
ئۇيغۇر رايونى دائىرىلىرى مەزكۇر رايوندا 2020-يىلغا قەدەر 15 يىللىق مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇپ بولۇش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەزكۇر نىشان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «13-بەش يىللىق پىلان» ئى مەزگىلىدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.
2016-01-15
خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيە قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىش قىسىملىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا ئەۋەتىپ، ھەربىي مەشىق باشلىشى خەلقئارا ئاخباراتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
2016-01-15
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئالغا سۈرۈش خىزمەت نىزامى» ئېلان قىلىپ، كادىرلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش جەھەتتىكى ئىپادىسىنى ئۇلارنىڭ خىزمەت نەتىجىسىنى باھالاشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىپ بېكىتكەن.
2016-01-15
15-يانۋار تۈرمىدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق دوتسېنتى ئىلھام توختى قولغا ئىلىنغانلىقىغا 2 يىل بولدى. ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭنىڭ جۈمە كۈنى رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ يېقىندا ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر بىلەن كۆرۈشكەن.
2016-01-14
دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدا «قوش تىللىق مائارىپ» نامىنى سۇيىئىستېمال قىلغان، ئەمەلىيەتتە خىتاي تىلىدىن ئىبارەت يەككە تىللىق ئوقۇتۇش سىستېمىسىنى تېز سۈرئەتتە ئومۇملاشتۇرغان.
2016-01-14
12-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق يىغىنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان شۆبە كومىتېتى تەرىپىدىن چاقىرىلغان.
2016-01-14
ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاقىرىلغان «ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە دىپلوماتىيە» ماۋزۇلۇق كۇرسقا د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن ياشلار كومىتېتى رەئىسى غەيۇر قۇربان قاتناشماقتا.
2016-01-14
خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نى يولغا قويۇپ، ئارقىدىنلا ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە «دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش مىزانى» نى تۈزمەكچى بولغانلىقى دىققەتنى تارتماقتا.
2016-01-14
شىۋېتسىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى پېتىر دەھلىننىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن 4-يانۋار كۈنى بېيجىڭ ئايرودرومىدا تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرى، خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.