ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2016-12-08
غازى ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ زالىدا «شەرقىي تۈركىستاندىكى مەدەنىي مىراسلىرىمىز» ماۋزۇلۇق دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
2016-12-08
خەلق تورىدا بېرىلگەن خەۋەردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو 6- 7- دېكابىر كۈنلىرى ئاتۇشنى زىيارەت قىلىپ، ئاتۇشتىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، دىنىي زاتلار، قوش تىل يەسلىلىرى ۋە ج خ كادىر - ساقچىلىرى، قوراللىق ساقچى ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن.
2016-12-08
خىتاينىڭ يەرشارى ۋاقتى گېزىتىنىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق قىسىملىرى يېقىندا 10 مىڭ كىشىلىك ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارغان.
2016-12-08
ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى ئىنتېرنېتتا ئۆسەك سۆز تارقاتقانلارنى 500 مىڭ سوم جەرىمانە بىلەن جازالايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
2016-12-08
ئامېرىكىنىڭ سايلامدا ئۇتۇپ چىققان پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئايوۋا شتاتىنىڭ باشلىقى تېرري برانستادنى ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىگەن.
2016-12-08
7- ۋە 8-دېكابىر كۈنلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا يەر تەۋرىگەن.
2016-12-08
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە 7-دېكابىر كۈنى چۈشتىن كېيىن خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
2016-12-08
بىر سەبىي ئۇيغۇر بالىنىڭ يەسلىدە ئۆزىنىڭ چۈچۈك ئۇيغۇرچە ئاھاڭى بىلەن خىتاي ئوقۇتقۇچىسىنىڭ مەجبۇرىي ھالدا خىتايچە ئۆگىتىشىگە قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان بىر سىن كۆرۈنۈشى تارقالدى.
2016-12-07
دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇشقا چاقىردى.
2016-12-07
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتى ئىشخانىسى ئادۋوكات جياڭ تيەنيوڭنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.
2016-12-07
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان مۇساپىرەت قىسمەتلىرى باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان نۇقتا بولۇپ قالماقتا.
2016-12-07
«ئەخمەت يەسېۋى يىلى» مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئانتالىيە شەھىرىدە «خەلقئارالىق مائارىپشۇناسلىق ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» چاقىرىلدى.
2016-12-07
سوت مەھكىمىسى ئابدۇقادىر ياپچانغا جىنايەت ئارتىشقا ئىسپات يېتەرلىك ئەمەس دەپ، قويۇپ بېرىشكە ھۆكۈم قىلغان بولسىمۇ، تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇتۇلماقتا.
2016-12-07
ياپونىيەدىكى خىتاي باش كونسۇللىرى بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلاردا خىتاينىڭ سىياسىتى ۋە كۇڭزى ئىنستىتۇتى قۇرۇشنىڭ ئەۋزەللىكى توغرىسىدا تەشۋىقات ئېلىپ بارغان.
2016-12-07
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى بۈگۈن خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە كېلەچىكى دېگەن تېمىدا گۇۋاھلىق يىغىنى ئۆتكۈزدى.