ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2016-12-22
2016-يىلىنىڭ تۈركىيەدە تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر ئەڭ جانلانغان بىر يىل بولغانلىقى مەلۇم.
2016-12-22
دىنىي يوسۇندا كىيىنگەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتاي قانۇن ئىجراچىلىرىنىڭ تۈرلۈك شەكىلدە خورلىشىغا دۇچار بولۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
2016-12-22
سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاسى خىتاينىڭ ئېغىر ئىسكەنجىسىدىن قېچىپ چىققان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ غەربتىكى دېموكراتىك ئەللەردە ئولتۇرۇمغا ئېرىشىشتىكى مۇھىم يوللىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن ئىدى.
2016-12-22
تونۇلغان دىنىي زات، پائالىيەتچى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم 12-ئاينىڭ 22-كۈنى ئەتىگەن تۇيۇقسىز ھوشىدىن كېتىپ ئالەمدىن ئۆتكەن.
2016-12-22
ھازىر رۇسىيەنىڭ موسكۋا، سانكت-پېتېربۇرقا ئوخشاش چوڭ شەھەرلىرىدە ئۇيغۇرلار مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى، مەدەنىيەتنى ساقلاش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا ھەر خىل ئىشلارنى ئېلىپ بارماقتا.
2016-12-22
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئۆسمۈر بالىلار ۋە ياشلارغا قارىتىلغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» تەشۋىقاتىنى كۈچەيتمەكتە.
2016-12-22
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ساقچى قانۇن لايىھىسىنى خەلقئارا ئۆلچەملەرگە ماسلاشتۇرۇپ قايتا يېزىپ چىقىشقا چاقىردى.
2016-12-22
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى 2017-يىلى ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستىكى ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ياشلارنى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، يەنە 4000 نەپەر ياشنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تەربىيىلەشكە ئەۋەتىدىكەن.
2016-12-22
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك ۋەقەلىرىنى پاش قىلىدىغان ناھايىتى ئاز ساندىكى تور بەتلەرنىڭ بىرى بولغان «تىيەنۋاڭ 64» ناملىق تور بەتنىڭ قۇرغۇچىسى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇاڭ چى «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش» جىنايىتى بىلەن رەسمىي قولغا ئېلىنغان.
2016-12-22
نۆۋەتتە ھۆكۈمەت كابىنېتىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن جىددىي خىزمەت قىلىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ سايلام غالىبى پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكا دۆلەت تىجارەت كېڭىشىنىڭ باشلىقلىقىغا خىتاي بىلەن بولغان تىجارەتلەردە قاتتىق قول بولۇشنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئىقتىسادشۇناس پېتېر ناۋاررونى تەيىنلىگەن.
2016-12-21
ئەركىنلىك سارىيى ئېلان قىلغان «بېيجىڭنىڭ 2016-يىلىدىكى ئەڭ مۇھىم چەكلىمىلىرى» ناملىق بۇ يىللىق باھالاش مەزكۇر ئورگاننىڭ تەتقىقاتچىسى سارا كۇك تەرىپىدىن تەييارلانغان.
2016-12-21
ئاقسۇ كەلپىن ناھىيەسىنىڭ ئاچال يېزىسىغا قاراشلىق كۆل كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ياقۇپ بارات ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن ئىككىيلەننى دىنىي سەۋەبلىك بىلەن قولغا ئالغان.
2016-12-21
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي چەكلەش، باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ يەنىمۇ زور دەپسەندىچىلىكلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئىنكاسلار كۆپەيمەكتە.
2016-12-21
2016-يىللىق مارتېن ئەننالىس مۇكاپاتىدىن كېيىن، ياۋروپا بىرلىكى ھەم ئامېرىكا ئىلھام توختى مەسىلىسىگە باشقىچە كۆڭۈل بۆلدى ۋە مەخسۇس قارارلار قوبۇل قىلدى.
2016-12-21
دۇنيا كۆچمەنلەر كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.