ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2016-12-13
10-دېكابىر خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىدە، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر ئۆكتىچىسى ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش يەنە سۆز تېمىسى بولدى.
2016-12-13
دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى» تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىرىلدى.
2016-12-13
تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇللار خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن توكيودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ بارغان.
2016-12-13
بۈگۈن، خەلقئارا چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى يىللىق ئاخبارات ئەركىنلىكى دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، دۇنيادىكى 180 دۆلەتنى ئاخبارات ئەركىنلىك دەرىجىسىگە قاراپ رەتكە تىزىپ چىقتى. خىتاي بۇ تىزىملىكتە 176-ئورۇنغا تىزىلىپ، ئەڭ ناچار دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.
2016-12-13
خىتاي مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى چاڭ ۋەنچۈەن ئۇيغۇر ئېلىدە مەخسۇس زىيارەتتە بولغاندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چېگرا مۇداپىئەسىنى قاتتىق كۈچەيتىش ھەققىدە سۆز قىلغان.
2016-12-13
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت ۋە ئۇچۇرنى قانۇن نامى ئاستىدا قامال قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
2016-12-13
خەلقئارا تاراتقۇلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇشتا، رۇسىيەگە سادىق چېچەن ھۆكۈمىتىدىن ئۆرنەك ئېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
2016-12-13
ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى 12-دېكابىردىن باشلاپ «تايانچ ئىختىيارىي مۇخبىرلارنى تەربىيىلەش كۇرسى» ئېچىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 150 كە يېقىن كۇرسانتى پارتىيىنىڭ سىياسىتى، قۇرۇلتاي روھى بويىچە تەربىيىلەشكە باشلىغان.
2016-12-12
ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون ۋە ئۇنىڭغا يېقىن جايلاردىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىم تۇغۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.
2016-12-12
ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەزى رايونلاردا «كەچلىك كۇرس»لارنىڭ قۇرۇلۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ بۇ كۇرسلارغا مەجبۇرى قاتنىشىپ كېلىۋاتقىنىغا خېلى يىللار بولغان ئىدى.
2016-12-12
12-دېكابىر باۋارىيە پارلامېنتىدا «ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى» ناملىق خەلقئارالىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.
2016-12-12
تارىخشۇناسلار 1985-يىلىدىكى «12-دېكابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» 1980-يىللاردىكى دۇنيا كوممۇنىزم لاگېرىدا كۆرۈلگەن ئەڭ دەسلەپكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى دەپ ھېسابلىماقتا.
2016-12-12
خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تەيۋەننىڭ تەيجۇڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان.
2016-12-12
ئاستانادا قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىللىقىنىڭ 25 يىللىقىغا بېغىشلانغان «تىنچلىق ۋە رازىمەنلىككە 25 يىل» ماۋزۇسىدا فېستىۋال بولۇپ ئۆتتى.
2016-12-12
خەلقئارالىق تاراتقۇلار بىلەن كۆزەتكۈچىلەر، چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ تەيىنلەنگەن 3 ئايدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىنى ئىدارە قىلىشتا تىبەتتە توپلىغان تەجرىبىلىرىنى سىناق قىلىۋاتىدۇ، دەپ ھېسابلىماقتا.