ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2016-12-26
ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبورن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2016-يىللىق «ئۇيغۇر لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى» دە سىدنېي ئۇيغۇر كوماندىسى بىرىنچىلىككە ئېرىشتى.
2016-12-26
25-دېكابىر توكيودىكى شىنجۇكۇ مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەجلىسخانىسىدا ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى يىللىق خۇلاسە ۋە كېلەر يىللىق پىلان يىغىنى چاقىردى.
2016-12-26
مەلۇمكى، كېيىنكى يىللاردا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلىرى ياشلارنىڭ ئىش-پائالىيىتىگە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى.
2016-12-26
بۇنىڭدىن بىرقانچە ئايلار ئىلگىرى خىتاي تاراتقۇلىرى مەخسۇس خەۋەر بېرىپ، «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق چوڭ تىپتىكى ناخشا-ئۇسسۇللۇق فىلىمنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا جىددىي سۈرەتكە ئېلىنىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
2016-12-26
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئالدىنقى ھەپتە بايانات ئېلان قىلىپ، 2017-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىن 4000 نەپەر ستۇدېنتنى خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىگە داۋاملىق تەربىيىلىنىشكە ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
2016-12-26
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تور بېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، قوشۇمچە گۇما ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى شېن يى يېقىندا «ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش» جىنايىتى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈلمەكتىكەن.
2016-12-26
بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 12-ئاينىڭ 26-كۈنى موڭغۇلىيە پايتەختى ئۇلانباتۇردا يۈزلىگەن شەھەر ئاھالىسى يىغىلىپ، مۇھىتتىكى ئېغىر بۇلغىنىش ھەققىدە نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن.
2016-12-26
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ «لياۋنىڭ» ناملىق ئاۋىئاماتكىسى 26-دېكابىر كۈنى فىلىپپىن بىلەن تەيۋەن ئارىلىقىدىكى تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان سەزگۈر سۇ رايونىغا ئۈسۈپ كىرگەن. بۇ ھال تەيۋەن، ياپونىيە قاتارلىق ئەللەرنى جىددىيلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ مەزكۇر سۇ رايونىغا بولغان سەزگۈرلۈكىنى يەنىمۇ ئاشۇرغان.
2016-12-25
24-دېكابىر د ئۇ ق نىڭ ميۇنخېندىكى باش شىتابىدا 22-دېكابىر ئىستانبۇلدا قازا قىلغان دىنىي ئۆلىما ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمھاجىمنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلدى.
2016-12-25
يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ توكيودىكى ئەلچىخانىسى ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدە «تارىخىي پاكىت-شىنجاڭدىكى مىللەتلەر باراۋەرلىكى-ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتى»ناملىق ئىنگلىز تىلىدىكى ئاق تاشلىق كىتابنى تارقىتىشقا باشلىدى.
2016-12-25
يېقىندا ئاۋسترالىيىنىڭ مېلبورن شەھىرىدە ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ پۇلبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ،«ئۇيغۇر لوڭقىسى» نى تالىشىش دەپ نام بېرىلگەن مەزكۇر مۇسابىقىگە ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد، مېلبورن،سىدنېي ۋە باشقا شەھەرلىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردىن تەشكىللەنگەن پۇتبول كوماندىلىرى قاتناشقان.
2016-12-25
يېقىندا ئامېرىكىدىكى ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىگە ئائىت ئارخىپلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ 1934-1949-يىللىرى ئارىسىدىكى ئۇيغۇر دىيارىغا ئائىت سىياسىي قارارلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر تەركىبىگە سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيوروسىنىڭ 1945-يىلى، 22-ئىيۇن كۈنىدىكى مەخسۇس «شىنجاڭ» ھەققىدىكى يىغىن قارارىنىڭ رۇس تىلىدىكى كوپىيىسى ۋە ئىنگلىزچە تەرجىمە نۇسخىسىنى كىرگۈزۈلگەن.
2016-12-25
25-دېكابىر كۈنى رۇسىيەنىڭ «تۇ-154» تىپلىق بىر ھەربىي ئايروپىلانى قارا دېڭىز بويىدىكى سوچى شەھىرىدىن ئۇچۇپ، ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا راداردىن يۈتۈپ كەتكەن ۋە بۇ ئايروپىلاننىڭ قارا دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولغان.
2016-12-24
يېقىندىن بۇيان نامى چىقىشقا باشلىغان ئۇيغۇر بوكس ماھىرى ئالىم ھوشۇرنىڭ 17-دېكابىر كۈنى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا كەسپىي بوكس مۇسابىقىسىدە ھىندونېزىيەلىك بوكس چىمپىيونى گېيسلېرنى يېڭىپ چىمپىيون بولغانلىقى مەلۇم.
2016-12-24
ئاۋسترالىيە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. بۇ ئەلگە 1970-يىللارنىڭ ئاخىرىلىرىدىن بۇيان تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ۋەتەننى تەرك ئەتكەن بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر كۆچۈپ كېلىپ، تەدرىجىي ھالدا ئۆز جامائىتىنى ھاسىل قىلغان.