ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2016-01-11
فرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 11 - يانۋار پارىژدا فرانسىيە مۇخبىرى ئۇرسۇلا خانىم بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان.
2016-01-11
2016-يىلىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىكى تۇنجى مۇھاكىمە پائالىيىتى 7-يانۋار كۈنى تۈركىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان قوجائېلى ئۇنىۋېرسىتېتىدا بولۇپ ئۆتتى.
2016-01-11
فىرانسىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە خىتايشۇناس مارى ھولىزمان خانىم يېقىندا «ئۇرسۇلانىڭ قوغلاپ چىقىرىلىشى، خىتاينىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ بەردى» ناملىق بىر ئەسەر ئېلان قىلغان.
2016-01-11
ھىندىستاندا چىقىدىغان «كارناتاكا مۇسۇلمانلىرى» گېزىتى ئالدىنقى كۈنى تىبەتلەرنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لامانىڭ دۇنيا تىنچلىقىنى ساقلاشتا مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ يولىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدىكى سۆزىنى باسقان.
2016-01-11
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تور بېكىتى 6 - يانۋار كۈنى بايانات بېرىپ، 2015 - يىلى «قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى» چىقارغان يۈز كىشىدىن 19 نەپىرىنىڭ قولغا چۈشكەنلىكىنى ئاشكارا قىلغان.
2016-01-11
بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ كەيفېڭ شەھىرىگە قاراشلىق توڭشۈ ناھىيەسىدىكى بىر كەنتكە تىكلەنگەن ماۋ زېدوڭنىڭ غايەت زور ھەيكىلى يېقىندا تۇيۇقسىزلا چېقىۋېتىلگەن.
2016-01-11
ئىگىلىشىمىزچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا ئۈرۈمچىدە تەسىس قىلىنغان ئۇيغۇر ۋە خىتاي تىللىرىدىكى «شىنجاڭ مۇسۇلمانلىرى تورى» دىن پايدىللىنىپ، خىتاي ئىچى ۋە خەلقئاراغا ئۆزىنىڭ دىن سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىشقا باشلىغان.
2016-01-09
جاڭ چۈنشيەن 2016 - يىلى ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» خىزمىتىنىڭ ئىزچىللاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت تورىدا كۆرسىتىشىچە، ئۇ، بۇ سۆزلەرنى 7 - يانۋار ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىسادىي خىزمەت يىغىنى» دا ئوتتۇرىغا قويغان.
2016-01-09
خىتاي ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى بىر دوختۇرخانا نورمال مەشغۇلات قىلىۋاتقان پەيتتە مەجبۇرىي چېقىلغان، دوختۇرخانا خادىملىرى 600 مىڭ دوللار قىممىتىدىكى دوختۇرخانا ئۈسكۈنىسىنىڭ ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2016-01-09
ئامېرىكا سوت دائىرىلىرى 7 - يانۋار، تېررور ھۇجۇمى پىلانلاش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان ئۆزبېك مۇساپىر فەزلىددىن قۇربانوۋنىڭ 25 يىل قامىلىدىغانلىقى، جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ئۆزبېكىستانغا قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2016-01-09
تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييپ ئەردۇغان 8 - يانۋار ئىستانبۇلدا بايانات بېرىپ، ئىراقتىكى تۈرك ئەسكەرلىرىنىڭ دائىش قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەنلىكىنى، بۇنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىراققا ئەسكەر يۆتكەش قارارىنىڭ توغرىلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2016-01-08
توردا تارقالغان پەيزىۋاتنىڭ تېرىم يېزىسىدىكى مەسچىت ئالدىدا ئىككى ئۇيغۇرنىڭ بىر ساقچى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەنلىك خەۋىرى دەلىللەنگەندىن كېيىن، مۇخبىرىمىز ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە داۋاملىق ھالدا مەلۇمات ئىگىلىدى.
2016-01-08
خىتاينىڭ غەربىي شىمال سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەزكۇر مەكتەپتە «تېررورلۇققا قارشى ئىنستىتۇت» تەسىس قىلىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى، خەلقئارادا دىققەت قوزغىدى.
2016-01-08
ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى قانۇنسىز مەبلەغ توپلىدى دەپ ئەيىبلەشلەرنىڭ بىر سەپسەتە ئىكەنلىكىنى، ئەسلى سەۋەب ئانا تىل يەسلىسى ئاچقانلىقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
2016-01-08
خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇشنى بەلگىلىگەن تۈرلۈك يېڭى قانۇن-بەلگىلىمىلەر ئىچىدە، غەرب ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى بەكرەك جەلپ قىلغىنى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» بولدى.