ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2016-01-08
8-يانۋاردا قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىدا قازاقىستان خەلق ئارتىسى زىننەتگۈل ئەكبەروۋانىڭ 80 ياشلىق تەۋەللۇتىغا بېغىشلانغان مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى.
2016-01-08
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرى.
2016-01-08
خوڭكوڭ ئۆكتىچىلەر گۇرۇھىنىڭ رەھبىرى، سابىق مەمۇرى مەھكىمە باش كاتىپى چېنفاڭ ئەنشىڭ خوڭكوڭ خەلقىنى نامايىش قىلىپ، خوڭكوڭ تۇڭلىۋەن كىتابخانىسىنىڭ باشلىقى لى بو قاتارلىق 5 نەپەر كىتابخانا خادىمىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشقا چاقىرغان.
2016-01-08
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ: «خىتاي ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش-تارتىشتىكى جەنۇبىي دېڭىز ئاراللىرىغا قونۇشى ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرىدۇ» دېدى.
2016-01-08
خىتاي ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2015-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا 1000 غا يېقىن كىشى «توردا ئىغۋا تارقىتىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغان. مەزكۇر ئۇچۇر خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتى «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنغان.
2016-01-08
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت پەيشەنبە كۈنى مەزكۇر رايوندا يېقىنقى 5 يىلدا بىر مىليون 740 مىڭ ئادەمنىڭ نامراتلىق سىزىقىنىڭ ئاستىدا ياشاشتىن قۇتۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
2016-01-08
خېنەن ئۆكىسىنىڭ تۇڭشۈ ناھىيەسىدىكى دېھقانلار 3 مىليون يۈەن پۇل خەجلەپ تۇرغۇزغان ئېگىزلىكى 37 مېتىرلىق ماۋ زېدۇڭنىڭ ھەيكىلى چېقىۋېتىلگەن. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر ھەيكەلنى رۇخسەتسىز ياسالغان، دەپ چېقىۋەتكەن.
2016-01-07
فىرانسىيە Le Monde گېزىتىنىڭ 6-يانۋار ئىقتىساد خەۋىرىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2016-يىلى ئىچىدە يەنە مىڭدىن ئارتۇق كۆمۈر كانلارنى تاقايدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.
2016-01-07
ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى قانۇنسىز مەبلەغ توپلىدى دەپ ئەيىبلەشلەرنىڭ بىر سەپسەتە ئىكەنلىكىنى، ئەسلى سەۋەب ئانا تىل يەسلىسى ئاچقانلىقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
2016-01-07
خىتاي ھۆكۈمىتى «تېررورلۇققا قارشى قانۇن» نى ماقۇللىغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ غەربىي شىمال سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى مەزكۇر مەكتەپتە «تېررورلۇققا قارشى ئىنستىتۇت» تەسىس قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2016-01-07
شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدۇ.
2016-01-07
قازاقىستاندا 15 مىڭدىن ئوشۇق ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئۆز ئانا تىلىدا ئۆز خەلقىنىڭ ئۆتمۈشىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆگىنىش بىلەن بىللە، ۋەتىنى ھېسابلانغان قازاقىستان تارىخىنى، قازاق خەلقىنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۆگەنمەكتە.
2016-01-07
ياپونىيە NHK تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىمالىي كورېيە مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۈگۈن ئۆزلىرىنىڭ ۋودروت بومبىسى سىنىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بارغانلىقىنى جاكارلىغان.
2016-01-07
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ تۈرلۈك نىزاملار ئارقىلىق ئۇچۇر-ئالاقە ۋاسىتىلىرىگە قارىتىلغان نازارەتنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
2016-01-07
خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى دۇنيا مىقياسى بويىچە مۇخبىرلار ئەڭ كۆپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.