ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2016-10-14
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ تارماقلىرى چارشەنبە كۈنى بەلگىلىمە چىقىرىپ، پەرزەنتلىرىنى دىنىي سەۋەبلەر بىلەن تولۇق ئوتتۇرىدىن چىقىرىۋالغان ئاتا-ئانىلارنى جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان مەزكۇر بەلگىلىمە 11-نويابىردىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن.
2016-10-14
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ھىندىستان زىيارىتى تىبەت مۇساپىرلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. جۈمە كۈنى، ئونلىغان تىبەتلىك شى جىنپىڭ قوناقلىغان يېڭى دېھلىدىكى تاج سارىيى مېھمانخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلىپ، ئۇنىڭ ھىندىستان زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.
2016-10-14
خىتاينىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مىسىرغا ساياھەت ۋىزىسى ياكى قىسقا مۇددەتلىك ۋىزا بىلەن كەلگەن ھەرقانداق خىتاي پۇقراسىغا مىسىردا ئوقۇشى، تۇرۇشى ۋە ئىقامەت ئېلىشى ئۈچۈن گۇۋاھنامە بېجىرىپ بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2016-10-14
ئالماتادا قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىللىقىنىڭ 25 يىللىقى ۋە ر. سۈلېيمېنوف نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ 20 يىللىقىغا بېغىشلانغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى بولۇپ ئۆتتى.
2016-10-14
«ئۇيغۇرلار ئاۋازى» ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسىنىڭ يېڭى پروگراممىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيت بايرىمى ۋە خىتايدىكى تېررور مەسىلىلىرى توغرىسىدا توختالغان.
2016-10-13
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى ئىنتېرنېت ۋە ئۇچۇر تورىغا قاراتقان قامالنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ھەققىدە قارار ئالغان.
2016-10-13
11-ئۆكتەبىر كۈنى 2016-يىللىق مارتىن ئەننالىست كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنىڭ ئۇيغۇر ئۆكتىچىسى ئىلھام توختىغا بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىندى.
2016-10-13
خىتاينىڭ خېفېي شەھىرىدىكى مەلۇم بىر كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ 2 نەپەر قىز ئوقۇغۇچىسى رادىكاللىق، تېررورلۇق تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى ساقلىغان، دەپ قولغا ئېلىنغان ھەم ئۇلاردىن بىرى ئوتتۇرا سوتتا سوتلانغان.
2016-10-13
خىتاينىڭ مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلىتى بولغان لائوستا «جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ھەپتىلىكى» ئۆتكۈزۈلگەن.
2016-10-13
تەڭرىتاغ تورىدا بېرىلگەن خەۋەردىن قارىغاندا، 12-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدە «شىنجاڭ سىنىپلىرىنىڭ ئەخلاق ۋە سىياسىي ئىدىيە مائارىپى تەربىيىلەش كۇرسى» باشلانغان.
2016-10-13
خىتاينىڭ خېبېي ئۆلكىسى خېڭشۈي بىخەتەرلىك تارماقلىرى «لى لىياڭ» پۇتبول كۇلۇبىغا قوبۇل قىلىنغان 9 نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈرنىڭ مەكتەپتە نورمال دەرس باشلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان.
2016-10-13
كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئانا تىل مەسىلىسى شەك-شۈبھىسىزكى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئويلاندۇرۇۋاتقان ۋە بۇ جەھەتتە ئەمەلىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە ئۈندەۋاتقان رېئال مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولماقتا.
2016-10-13
برىتانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بورىس جونسون ئالدىنقى كۈنى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى تەسىرىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقىغا قارىتا ئەندىشىسىنى بايان قىلىشى خىتاينى نارازى قىلدى.
2016-10-13
ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان تونۇلغان دىنىي زات، جامائەت ئەربابى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇقادىر ياپچان 8-ئاينىڭ 30-كۈنى تۈركىيە ج. خ ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئىدى.
2016-10-13
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان ياشلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتلىرى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.