ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2016-10-12
ئەلجەزىرە ئاخبارات تورى بۈگۈن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۆسمۈر-بالىلار توغرىلىق يېڭى دىنىي بەلگىلىمىسىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ تەھدىت نىشانى قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
2016-10-12
خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ تۈنۈگۈنكى مارتىن ئېننالس مۇكاپات مۇراسىمىغا قاتناشقان ۋە تەبرىك سۆزى قىلغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ باشلىقى زەيىد رائاد ھۈسەيىن ئۈستىدىن «بۆلگۈنچىلەرنىڭ خورىكىنى ئۆستۈردى» دەپ قاقشىدى.
2016-10-12
بۇ يىللىق «مارتىن ئېنالس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نىڭ ئىلھام توختىغا بېرىلىشى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم ئىلھام توختى دېلوسى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە جەلپ قىلدى.
2016-10-12
ئۇيغۇر ئېلىدا ئېچىلغان سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت سىستېمىسىنىڭ يىغىندا تەدرىجىي ھالدا بارچە مىللەتلەرگە ئوخشاش پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يۈرگۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.
2016-10-12
بۇ يىل سېنتەبىردە ئۆتكۈزۈلگەن خوڭكوڭ پارلامېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىدە، مۇستەقىللىق تەرەپدارى بىر تۈركۈم ياشلار پارلامېنتتىن ئورۇن ئالغان ئىدى.
2016-10-12
ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى يەرلىك دائىرىلەر ئېلان قىلغان يېڭى بەلگىلىمىدە مەكتەپ يېشىدىكى ئۆسمۈرلەرگە ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەرقانداق شەكىلدە ۋە ئۇسۇلدا دىنىي تەربىيە بېرىشىگە بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.
2016-10-12
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن، مۇددەتسىز قاماقتىكى ئىلھام توختىغا مۇكاپات بەرگەن مارتىن ئەننالس فوندىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.
2016-10-12
12-ئۆكتەبىر ياپونىيەنىڭ ئىباراكى ئۆلكىسى شىموداتې شەھىرىدىكى خەلقئارا روتارىي كۇلۇبىدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات ئاڭلىتىلدى.
2016-10-12
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدىكى ئىجتىمائىي ئاخبارات تورلىرىدىن، نىسبەتەن خەلقچىللىقى بىلەن تونۇلغان «سەيشىن» تورى تاقىۋېتىلگەن.
2016-10-12
گوللاندىيەدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى ئىقتىسادىي كىرىم ۋە مەنىۋى ئۈنۈم ھاسىل قىلىش مەقسىتىدە 10-ئاينىڭ 8-9-كۈنلىرى كەرمىس، يەنى خالىسانە ئېلىم-سېتىم يەرمەنكىسى پائالىيىتى تەشكىللىگەن ئىدى.
2016-10-12
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئارىف ئەردوغان ئەپەندى ئۇيغۇر ئەلىغا بولغان زىيارىتى جەريانىدا «خىتايغا بولغان كۆز قارىشىم پۈتۈنلەي ئۆزگەردى» دېگەن.
2016-10-11
11-ئۆكتەبىر كۈنى مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان قىزى جەۋھەر دادىسىغا ۋاكالىتەن، ئىلھام توختىغا بېرىلگەن 2016-يىللىق مارتېن ئەننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنى شۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا تاپشۇرۇۋالدى.
2016-10-11
دۇنيادىكى ئىنسان ھەقلىرىنى قوغدىغۇچى شەخسلەر ئۈچۈن بېرىلىدىغان مارتىن ئەننالىس فوندى مۇكاپاتىنىڭ 2016-يىللىق مۇكاپاتىنىڭ ئىلھام توختىغا بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىندى.
2016-10-11
خىتاي خەلق تورىنىڭ 10-ئۆكتەبىردىكى سۈرەتلىك خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يېزا-كەنتلىرىدە ھەر خىل مەزمۇندىكى پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۆكتەبىر بايرىمى مەزگىلىدە قەشقەر شەھىرىنىڭ قوغان يېزا كىچىك ئېرىق كەنتىدە ياش ئەرلەرنىڭ قىز-چوكانلارنى يۈدۈپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن.
2016-10-11
تۈركىيەنىڭ مالتەپە قاماقخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ تەقدىرى ۋەقەدىن خەۋەردار ئۇيغۇرلارنى جىددىي ھالدا ئەندىشىگە سالماقتا.