ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2016-10-25
بۈگۈن يەنى 25 - ئۆكتەبىر خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر ئۆكتىچىسى ئىلھام توختىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە تۋىتېر، فېيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىنغان يازمىلار كۆپلەپ يوللاندى.
2016-10-25
خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرى ۋە رادىيومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن، 24 - ئۆكتەبىر بېيجىڭدا باشلانغان خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18 نۆۋەتلىك 6 - ئومۇمىي يىغىنى مەزگىلىدە، بېيجىڭدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلگەنلىكى، ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە يىغىن توغرىلىق مۇنازىرە قىلماسلىق ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ئائىت خەۋەرلەر بېرىلىدىغان تور بېكەت ساھىپلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ياكى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.
2016-10-25
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسى يۈلىن شەھىرى فۇگۇ ناھىيىسىدە 24 - ئۆكتەبىر كەچتە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 10 ئادەم ئۆلۈپ 150 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى ئاشكارىلاندى.
2016-10-25
«9 - ئىيۇل ئادۋوكاتلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى» دە يېقىنلىرى تۈرمىگە تاشلانغان 35 ئائىلە بىرلەشمە ئىمزالىق ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭدىن ئۆز ۋاقتىدا خاتالىقىنى تۈزىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن بويىچە ئىش قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
2016-10-24
«ھالال چوشقا يېغى» مەھسۇلاتى ئۇچۇرىنى تورغا چاپلاپ قولغا ئېلىنغان 18-19 ياشلاردىكى 2 ئۇيغۇر بالىسىنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى ئەخمەت، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى نامەلۇم.
2016-10-24
ياپونىيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى ياپون ماكىنو سېيشۇ ئەپەندى ئەركىن ئاسىيا رادىيومىزدا زىيارەتتە بولدى ۋە رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۇنىڭ ئىشخانىسىدا سەمىمىي سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
2016-10-24
خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئۇيغۇر ياشلىرىنى كەسىپ ۋە ئىش تاللاش جەھەتتە قارار بېرىش قېيىن بولغان بىر ئاچا يول دوقمۇشىدا تەمتىرەتمەكتە.
2016-10-24
ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىسى ئەخمەتجان ئوسمان ئەپەندى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن ياپونىيەگە بېرىپ، مۇھىم ئۇچرىشىشلار ۋە سۆھبەتلەردە بولغان.
2016-10-24
«ئامېرىكا ئاۋازى» رادىئوسىنىڭ خوڭكوڭ ئاخباراتلىرىدىن نەقىل كەلتۈرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ يانفونلارغا تور توسۇقلىرىدىن بۆسۈپ ئۆتۈشتە قوللىنىلىدىغان ئەپلەرنى ئورناتقان كىشىلەرنى «2-دەرىجىلىك تېررورلۇق» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
2016-10-24
23-ئۆكتەبىر ياپونىيەدە «تىبەت، شەرقىي تۈركىستان ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيەنىڭ بۈگۈنى ياپونىيەنىڭ ئەتىسى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى.
2016-10-24
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قۇرۇلغان «غۇنچە» سەنئەت ئۆمىكى ئۆزىنىڭ پائالىيىتىنى ئالماتا شەھىرىنىڭ دوستلۇق مەھەللىسىدە باشلىغان ئىدى.
2016-10-24
22-ئۆكتەبىر توقسۇن ناھىيىسىدە باشلانغان تۇنجى قېتىملىق «بازار سەيلىسى ساياھەت مەدەنىيەت بايرىمى» پائالىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى تەشۋىق قىلىش نامىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دىيارىدا يېڭىۋاشتىن يولغا قويۇۋاتقان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
2016-10-24
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچ يىلدىن بۇيان يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» ئەسلىدە قەدىمىي «يىپەك يولى» بويىدىكى ھەرقايسى مەملىكەتلەر ۋە رايونلار ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادىي ئالاقىنى ۋە ھەمكارلىقنى جانلاندۇرۇش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن ئىدى.
2016-10-24
رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا 24 -ئۆكتەبىر كۈنى قوللىرىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىپلوماتىيە پاسپورتى بولغان 35 كىشى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان.
2016-10-24
خىتاي كومپارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنى 24-ئۆكتەبىر كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلغان بولۇپ، مەزكۇر يىغىن بىردەك چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ مۇھاكىمە نۇقتىسى بولۇپ قالغانلىقى مەلۇم.