ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2016-11-29
26-نويابىردا ئالماتادا تونۇلغان ۋېنگىرىيەلىك ئانتروپولوگ ئالىم، «ماديار-تۇران» فوندىنىڭ رەئىسى ئاندراش جولت بىرو بىلەن ئۇچرىشىش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى.
2016-11-29
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن رادىيومىز ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا دىنىي رادىكاللىق قالپىقى كىيدۈرۈشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى قانۇنلاشتۇرۇش رەزىل مەقسىتىنى ئېچىپ بېرىدۇ» دەپ ئەيىبلىدى.
2016-11-29
خىتاي خەلق تورىنىڭ 29-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت 26-نويابىر يەكشەنبە كۈنى «سوت خادىملىرىمۇ قوشماق تۇغقان بولۇش» سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوتتا ئىشلەيدىغان ھەر بىر خىزمەتچى خادىمنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاقسۇ، خوتەن، قەشقەر ۋىلايەتلىرىگە قاراشلىق يېزىلاردىن ئۆزىگە «تۇغقان تېپىشى» نى تەۋسىيە قىلغان.
2016-11-29
خىتاي ئارمىيەسى تورىنىڭ ئىنگلىزچە خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنىشىچە، 28-نويابىر كۈنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن خىتاي ۋە قىرغىزىستان ئارمىيىسى كورلادا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر باشلىغان.
2016-11-29
ئىچكى موڭغۇلنىڭ شىلىنغۇل ئايمىقىدىكى ساقچى ئىدارىسى 26-نويابىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 4 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن قاتىل خۇرۇنچىنى تۇتۇشقا ياردەم قىلغانلارغا 30 مىڭ سوم سۆيۈنچە بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەمما مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە 29-نويابىر سەيشەنبە كۈنىگە قەدەر خىتاي تاراتقۇلىرىدا ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمىگەن.
2016-11-29
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 29-نويابىر ئېلان قىلغان بىر خەۋەر ئانالىزىدا، خىتاي تاراتقۇلىرى خەۋەرلىرىدىن نەقىل ئېلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەبلەغنىڭ چەتئەللەرگە ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
2016-11-28
24-نويابىر خىتاينىڭ پاكىستان ئىسلامئابادتىكى ئەلچىخانىسى پاكىستاندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى ئەلچىخانىگە چاقىرىپ ئۇلارغا قىشلىق ماددىي ئەشيالارنى تارقىتىپ بەرگەن.
2016-11-28
تۈركىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت بولماي تۇرۇغلۇق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئېنېرگىيە قۇلۇبىنىڭ 2017-يىللىق باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى.
2016-11-28
ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىنىڭ ئۆكتەبىر ئىچىدە ئۇيغۇرلارنى مەركەز قىلىپ شەخسى پاسپورتلارنى ئومۇميۈزلۈك قايتا يىغىۋېلىشقا باشلىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقىلىش بىلەن بىرگە ھازىر بۇ ھەركەتنىڭ ئەمدىلىكتە چەتئەللەرگە چىققان ئۇيغۇرلارنى كەڭ دائىرىدە سۆرۈشتە قىلىش ۋە تەدبىر كۆرۈش باسقۇچىغا ئۆتكەنلىكى مەلۇم .
2016-11-28
يېقىندىن بۇيان خەلقئارا تاراتقۇلاردا خىتايدا ئەرزان ئەمگەك كۈچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان بالىلار ۋە ئاياللار ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ داۋاملىق كۆپىيىۋاتقانلىقى ۋە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
2016-11-28
25 - نويابىر ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش شىتابىدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى تەرىپىدىن چاقىرىلغان « ئاز سانلىقلار مۇنبىرى» يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 26-، 27 - نويابىر كۈنلىرى يەنە ۋەكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى بولۇپ ئۆتكەن.
2016-11-28
تۈركىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت بولماي تۇرۇغلۇق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئېنېرگىيە قۇلۇبىنىڭ 2017-يىللىق باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى. بۇ ئېنېرگىيە قۇلۇبى رەئىسلىكىنىڭ تۇنجى قېتىم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولمىغان بىر دۆلەتكە بېرىلىشى ھېساپلىنىدۇ.
2016-11-28
27-نويابىر كۈنى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە تونۇلغان ئۇيغۇر شائىرەلىرىدىن بىرى، ژۇرنالىست خەيرىنىسا تۇردى قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدە 72 يېشىدا ۋاپات بولۇپ، قايغۇلۇق مۇراسىم بىلەن دەپنە قىلىنغان.
2016-11-28
27-نويابىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر مائارىپ ساھەسىدىكى ئەمەلدارلارنى ئۈرۈمچىگە توپلاپ، يېزىلاردا 3 يىللىق «ھەقسىز قوش تىللىق يەسلى مائارىپى» نى يولغا قويۇش سەپەرۋەرلىك خىزمەت يىغىنى ئاچقان.
2016-11-28
مەلۇم بولۇشىچە، «تور ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە بۇ ساھەدىكى خىزمەتلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش» بەلگىلىمىسى دائىرىلەرنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تەكىتلەۋاتقان ئەڭ ھالقىلىق باشقۇرۇش چارىلىرىنىڭ بىرى ئىكەن.