ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2016-11-07
ئەزەربەيجاننىڭ شەكى ۋە باكۇ شەھەرلىرىدە يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىقىغا بېغىشلاپ «يۈسۈپ خاس ھاجىپنى خاتىرىلەش يىغىنى» چاقىرىلغان.
2016-11-07
3-نويابىردا تونۇلغان رەسسام كۈرەش زۇلپىقاروفنىڭ شەخسىي توپلىمىدىن ئېلىنغان فوتو سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.
2016-11-07
ئۇيغۇر دىيارىدىكى بىر قانچە چوڭ ئۇيغۇر مىللىي تېبابەت دورىگەرلىك شىركەتلىرى تاقىۋېتىلگەن ۋە بىر قانچە تۈرلۈك دورىلارنىڭ ياسىلىشى چەكلىمىگە ئۇچرىغان.
2016-11-07
ئىگىلىنىشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خۋاڭ مىڭ 24-ئۆكتەبىر كۈنى خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇش ھەققىدە دوكلات بەرگەن.
2016-11-07
خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بۈگۈن، يەنى 7-نويابىر كۈنى «تور بىخەتەرلىكى قانۇنى» نى رەسمىي ماقۇللىغان بولۇپ، بۇ قانۇن كېلەر يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.
2016-11-07
جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي 30 يىلدىن ئارتۇق «پىلانلىق تۇغۇت» سىياسىتىنى يولغا قويۇش جەريانىدا نوپۇسى قېرىلاشقان دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
2016-11-07
خىتاي دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى 2002-يىلى «مۇسۇلمانچە يېمەكلىك قانۇنى» تۈزۈش ھەققىدە خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا لايىھە سۇنغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە خىتايدا بۇنداق بىر قانۇن ماقۇللانمىغان.
2016-11-07
7-نويابىر كۈنى خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبى ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلىرىدىكى ساقچى سىستېمىسىدىكىلەر گۇاڭشىدا 7-نۆۋەتلىك خىزمەت يىغىنى ئېچىپ، «چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ھەرىكەت كېلىشىمى» تۈزگەن.
2016-11-06
رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باش مەسلىھەتچىسى يالچىن توپچۇ ئەپەندى تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنىڭ تەلەپ ۋە پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى.
2016-11-06
قازاقىستان ئۆز تەۋەلىكىدىكى تۆمۈر يوللاردىكى سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىگە مەنسۇپ 90 غا يېقىن بېكەتنىڭ نامىنى ئۆگەرتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
2016-11-06
1949-يىلى، 8-ئايدا ئەخمەتجان قاسىمى، گېنېرال ئىسھاقبەك مۇنونوف قاتارلىق مىللى ئازادلىق ھەرىكىتى رەھبەرلىرى بىلەن بىرگە سوۋېت ئىتتىپاقى تېررىتورىيىسىدە قازا قىلغان 8 ئادەمنىڭ بىرى ئابدۇرېشىت ئىمىننىڭ قابىل ژۇرنالىست، تەرجىمان ۋە يازغۇچى ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلمەكتە.
2016-11-06
خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خوڭكوڭغا قاراتقان «نېگىزلىك قانۇن»نىڭ ئىزاھاتىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزدى.
2016-11-06
ئامېرىكىدىكى ۋودروۋ ۋىلسون مەركىزىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەتقىقات پروگراممىسى بويىچە تەييارلانغان بىر قىسىم سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەخپىي ئارخىپ ھۆججەتلىرى ئامبىرىغا 1934-يىلىدىن 1949-يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۇيغۇر دىيارىغا ئائىت سوۋېت ئارخىپ ھۆججەتلىرىمۇ كىرگۈزۈلگەن.
2016-11-06
مەلۇم بولۇشىچە، ۋىلايەت دەرىجىلىك مەمۇرىي بىرلىك ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، 1950-يىللارنىڭ باشلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەرلىك مىللەتلەرگە ئاپتونوم ئوبلاست ياكى ئاپتونوم ناھىيە تەسىس قىلغان.
2016-11-06
يېقىندا خىتاي دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تېكەس ناھىيەسىدىكى قاراجۈل يايلىقى بىلەن خوتۇنسۇمبۇل ناھىيەسىگە قاراشلىق بايىنبۇلاق يايلىقىنى دۆلەتلىك 5-ئا دەرىجىلىك ناياھەت نۇقتىسى تىزىمىغا كىرگۈزگەن.