ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2016-02-11
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى مۇزلۇق رايونلار ساياھەتچىلىكىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
2016-02-11
رويتېرس ئاگېنتلىقى ئالدىنقى كۈنى ئامېرىكا ۋە ھىندىستان دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ تالاش-تارتىشتىكى جەنۇبىي دېڭىزدا ئورتاق چارلاش ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقاتقاندىن كېيىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈردى.
2016-02-10
4-فېۋرال كۈنى ئاۋسترالىيەدە باشلانغان «غەربىي ئاۋسترالىيە-جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت فېستىۋالى» 8-فېۋرال كۈنىگە كەلگەندە سېدنىي تىياتىرخانىسىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى.
2016-02-10
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىل چاغان مەزگىلىدىكى مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم.
2016-02-10
تۈركىيە شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى باش كاتىپى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندىگە «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلار مۇكاپاتى» بېرىلدى.
2016-02-10
1997-يىللىدىكى 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 19 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ياپونىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى.
2016-02-10
قاراماي نېفىتلىكى 60 يىلدىن بۇيان 30 دىن ئارتۇق رايوندا نېفىتلىك بەرپا قىلغان بولۇپ، بۇ رايونلاردىن ئېلىنغان نېفىتلارنى يىغىپ ھېسابلىغاندا 300 مىليون توننىدىن ئېشىپ كەتكەن.
2016-02-10
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلاپ قازاقىستاندا قۇددۇس غوجامياروف، ئىكرام مەسىموف، نىزامىدىن كىبىروف ئوخشاش بىر قاتار ئاتاقلىق كومپوزىتورلار يېتىلىپ چىققان.
2016-02-10
خىتاي نېفىت شىركىتى كەلگۈسى 5 يىلدا تارىم نېفىتلىكىدىكى تەبىئىي گاز زاپاس مىقدارىنى قېزىشنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
2016-02-10
ئامېرىكا مەركىزى بانكىسى-فېدىرال غەزىنىسىنىڭ رەئىسى جەننېت يەللىن خىتاينىڭ خەلق پۇلى سىياسىتىدىكى ئېنىقسىزلىق دۇنيا بازىرىدىكى داۋالغۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئۆسۈشىگە بولغان ئەندىشىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
2016-02-10
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت مەزكۇر رايوننىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 2015-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا 23 مىليون 600 مىڭغا يېتىپ، بىر يىلدا 610 مىڭ كۆپەيگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. دائىرىلەر بۇ سانلىق مەلۇماتنى يېقىندا ئۆتكۈزگەن «شىنجاڭنىڭ 2015-يىللىق مىللىي ئىقتىسادى پائالىيەت ئەھۋالى» سەرلەۋھىلىك ئاخبارات يىغىنىدا جاكارلىغان.
2016-02-10
يېقىندا خىتاي ئارخېئولوگلار ئۇيغۇر رايونىنىڭ كىچىك مىرەن قەدىمىي قەبرىستانلىقىدا قېزىش ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى ئەجدادلىرىغا مەنسۇپ بىر قەبرىدىن ئىككى قىزىل «گىرىم تاياقچىسى» بايقىغان.
2016-02-10
رومانىيەنىڭ بۇخارېست شەھەرلىك ئەرزىيەت سوتى چارشەنبە كۈنى كوممۇنىستلار دەۋرىدە ھوقۇق تۇتقان بىر كومپارتىيە كادىرىنىڭ ئەرزىنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭغا بېرىلگەن 20 يىللىق قاماق جازاسىنى ئىناۋەتلىك، دەپ ئېلان قىلدى.
2016-02-09
ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلارغا ئومۇميۈزلۈك مۇقىملىق، بىخەتەرلىك ئۈچۈن نۆۋەتچىلىك قىلىش ۋەزىپىسى يۈكلەنگەن. ئىنكاسلاردىن مەلۇمكى، نۆۋەتلىك ۋەزىپىسىنى بېجىرەلمىگەن ھەر قانداق ئوقۇتقۇچى ماددىي ۋە مەمۇرىي جازاغا تارتىلىدۇ.
2016-02-09
7 - فېۋرال كۈنى تۈركىيەنىڭ كونيادا ۋىلايىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان«ئىرفان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق دوستلۇق جەمئىيىتى» قەيسەرىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلاردىن ھال سورىدى.