ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2016-02-09
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىس رابىيە قادىر خانىم 9-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى تور بېكىتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 5-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-كۈنىگە قەدەر ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2016-02-09
خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» 3 - فېۋرالدىكى خەۋىرىدە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن 11 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ جازاسىنى كېمەيتكەنلىكى توغرىلىق ئۇچۇر تارقاتتى.
2016-02-09
گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى«چوڭلار مەشرىپى» يالغۇز گېرمانىيە ۋە ياۋرۇپادىكى ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردە ئۆز تەسىرى ھەم رولىنى ئىزچىل جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.
2016-02-09
4 - فېۋرال پاكىستاننىڭ راۋالپىندى شەھىرى راجا بازار رايونىنىڭ رايونلۇق سودا - سانەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىك سايلىمىدا پاكىستاندا ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇغېنىجان رەئىسلىككە سايلانغان.
2016-02-09
مەلۇمكى، ھازىر قازاقىستاندا ئۇيغۇر تىلىدا چىقىۋاتقان گېزىت - ژۇرناللار ئىچىدە «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى ئەڭ ئاممىۋىي ھەم ئىناۋەتلىك بولۇپ ھېسابلىنىپ كەلمەكتە.
2016-02-09
8 - فېۋرال چاغاننىڭ ھارپا ئاخشىمى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن سەنئەت ئۆمىكى ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنىي شەھىرىدە «جوڭگو ئارزۇسى تەڭرىتاغ مۇھەببىتى» نامىدا ناخشا - ئۇسسۇل كېچىلىكى ئۆتكۈزگەندە، كۇلۇپتىكى ئۇيغۇر تاماشىبىنلىرى تەرىپىدىن چىقىرىلغان بىر جۈپ ئاي يۇلتۇزلۇق شەرقىي تۈركىستان كۆك بايرىقى ئويۇن قويۇلىۋاتقان زالدا پاتپاراقچىلىق پەيدا قىلىپ، ئويۇن كۆرۈۋاتقان خىتاي تاماشىبىنلىرىنىڭ كۇلۇپتىن ئايرىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.
2016-02-09
خىتاينىڭ چاغان بايرىمىدا يەنى 8 - فېۋرال كېچىدىن 9 - فېۋرالغىچە خوڭكۇڭ جيۇلۇڭ رايونىدا ساقچىلار بىلەن پۇقرالار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 124 ئادەم يارىلىنىپ، 61 ئادەم ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىندى. خەلقئارا تاراتقۇلاردا بۇ ۋەقە، 2014 - يىلى خوڭكۇڭدا يۈز بەرگەن كۈنلۈك ئىنقىلابىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ توقۇنۇش دەپ تەرىپلەندى.
2016-02-09
دائىرىلەر تەرىپىدىن «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى ئاشكارىلاش» جىنايىتى ئارتىلىپ، 19 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جاڭ خەيتاۋنىڭ ئايالى، سەيشەنبە كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە مۇراجەت قىلدى.
2016-02-09
خىتايدىكى ئاممىۋى تەشكىلات «پۇقرالار ھوقۇقى كۆزىتىش تەشكىلاتى» 9 - فېۋرال ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتىدا، 2015 - يىلى ئاز دېگەندە 3000 نەپەر خىتاي پۇقراسى ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم بولدى، دېدى.
2016-02-09
8 - فېۋرال كۈنى خىتاي مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىك پروگراممىسى تارقىتىلغاندىن كېيىن، تورداشلار تەرىپىدىن «مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىر يىللىق خەۋەرلەر پروگراممىسى»،«پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش تەربىيە فىلىمى» دەپ ئەيىبلەنگەن.
2016-02-09
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىس رابىيە قادىر خانىم 9 - فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى تور بېكىتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 5 - نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ يىل 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 5 - كۈنىگە قەدەر ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگىتون شەھىرىدە ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2016-02-08
خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ يىل يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىش سالمىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قوش تىل ئوقۇتقۇچىسىدىن 10 مىڭنى قوبۇل قىلىدىكەن.
2016-02-08
خىتاينىڭ 2016-يىللىق سەنئەت كېچىلىكىدىكى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتى مەدھىيىلەنگەن قويۇق سىياسىي تۈستىكى سەنئەت پروگراممىلىرى قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىدى.
2016-02-08
خىتاينىڭ 11 نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسنىڭ جازاسىنى يېنىكلىتىش ھۆكۈمى ھەققىدە بۈگۈن رادىئومىزدا پىكىر بايان قىلدى.
2016-02-08
7-فېۋرال يەكشەنبە كۈنى مەركىزى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە بولغان «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» تەشكىلاتىنىڭ 20-نۆۋەتلىك سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى.