ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2016-03-09
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى «دۆلەت دەرۋازىسىدىكى شەمشەر 2016» ناملىق ئەتكەسچىلىككە زەربە بېرىش مەخسۇس بىرلەشمە ھەرىكىتى باشلىغان بولۇپ، خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر مەخسۇس ھەرىكەتنىڭ ئاساسلىقى نۇقتىسى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە مۇقىملىقنى قوغداشنى چۆرىدەيدىكەن.
2016-03-08
پوسكام ناھىيەسى مىللەت ۋە دىن خىزمىتى كادىرلىرى، دىنىي زاتلارنى قەرەللىك ھالدا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ئالاقىدار سىياسەت، قانۇن-تۈزۈملىرى بىلەن تەربىيىلەشنى سېستىملاشتۇرۇش ئۈچۈن مەكتەپ قۇرۇپ چىققان.
2016-03-08
د ئۇ ق تايلاند ساقچىلىرىنىڭ باڭكوك مۇساپىرلار لاگېرىدىكى 6 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى ئۇرغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، تايلاند ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا قانۇن ۋە «ب د ت مۇساپىرلار ئەھدىنامىسى» گە ئەمەل قىلىشقا چاقىرغان.
2016-03-08
سۇ مەنبەلىرىنىڭ جىددىي تۈردە ئازىيىشى بىلەن مۇھىتنىڭ بۇزۇلۇشى ئىچكى قۇرۇقلۇق ئىقلىمىغا مەنسۇپ بولغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيەسىدىكى ئەڭ ئېغىر كرىزىس بولۇپ بىلىنمەكتە.
2016-03-08
«8-مارت خەلقئارا خانىم-قىزلار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە غازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاقىرىلغان «خەلقئارا دۇنيا ئاياللار بايرىمى» ناملىق يىغىندا ئۇيغۇر خانىم-قىزلار مەسىلىسى نۇقتىلىق ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
2016-03-08
8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن «شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» ئاياللار بۆلۈمى ئۇيغۇر ئاياللارغا ئالاقىدار بايانات ئېلان قىلدى.
2016-03-08
شى جىنپىڭنىڭ 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قارىتىلغان باستۇرۇشنى يەنە كۈچەيتىدىغانلىقىدىن شەپە بېرىشى ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا دىققەت قوزغىدى.
2016-03-08
رۇسىيەدە كوممۇنىستلار پارتىيىسى 1917-يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەنكىن كېيىن يۈرگۈزۈلگەن «قىزىل تېررور» ھەرىكىتىدە قازاقىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارمۇ قىرغىن قىلىنغان.
2016-03-08
خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جۇ ۋېيچۈن خىتايدىكى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي يۆنىلىشىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خىتايلار بىلەن «قوشۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
2016-03-08
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى جەنۇبىي دېڭىزىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ خىتايغا تەۋەلىكىنى ئىلگىرى سۈردى، ئەمما ئامېرىكا مەزكۇر رايوندىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى يەنە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2016-03-08
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ باش سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن بېيجىڭدىكى ئىككى يىغىندا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى «تېررورلۇق، زوراۋانلىق» ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك كېمەيگەنلىكىنى، دىنىي رادىكاللىقنىڭمۇ سۇسلىغانلىقىنى، بىراق رايوندىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەت تۈپەيلى يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتنىڭ ۋە قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2016-03-08
خىتايدا قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان چېن تەيخې ئامېرىكىغا يېتىپ كېلىپ، ئائىلىسى بىلەن جەم بولغان.
2016-03-08
تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى 128 نەپەر ستۇدېنت پەيزىۋات ناھىيىسىدە ئوقۇتقۇچىلىققا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
2016-03-07
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قىز-ئاياللارنى قەدىرلەش سۆيۈش ۋە ھۆرمەتلەش ئومۇمىي ئېقىمغا ئايلانغان، ئۇلارغا ئاتالغان بۇ بايرام ھەر خىل شەكىل ۋە ئۇسۇللاردا تەبرىكلىنىۋاتقان ئەھمىيەتلىك بىر كۈن.
2016-03-07
تەڭرىتاغ تورى، بىڭتۇەن خەۋەرلەر تورى قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بېيجىڭدىكى خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «مىللىي تىللاردا ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار» نى رىغبەتلەندۈرۈش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.