ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2016-04-13
فىلىپپىن بىلەن خىتاينىڭ دېڭىز تەۋەلىكى دەتالىشى ئۆتكۈرلەشكەن مەزگىلدە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېر فىلىپپىننى زىيارەت قىلدى.
2016-04-13
ئۇيغۇر رايونىدىكى ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «ئەسەبىيلىكى تۈگىتىش» تېمىسىدىكى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلدى.
2016-04-13
بۇلتۇر 22-ئىيۇن كۈنى رامزان ھارپىسىدا قەشقەر تاختا كۆۋرۈكتە خىتاينىڭ قاراۋۇلخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، خىتاي ئاخباراتى ۋەقە ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن.
2016-04-12
«5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» دىن بۇيان ئۇيغۇر ساقچىلارنىڭ خىزمەت جەريانىدا قاتتىق سىياسىي بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، ھەتتا بەزى ئۇيغۇر ساقچىلارنىڭ خىتاي ساقچى ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇرۇپ-دۇمبالىشى ۋە تىل-ھاقارىتىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ئاشكارا بولماقتا.
2016-04-12
خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ 2015 - يىللىق ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە تىزىملىكىدە ئابدۇۋەلى ئابدۇكېرىمنىڭ زەمىن ساقچىخانىسىدا جەسەت تەكشۈرۈۋېتىپ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ئۆلگەنلىكى بايان قىلىنغان.
2016-04-12
9 - ئاپرېل، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى توكيودا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان.
2016-04-12
7 - ئاپرېل كۈنى ئالماتا شەھىردە يازغۇچى مىرغىياس ياقۇپوفنىڭ «ئوغۇزخان. ئەۋلادلار» ناملىق كىتابىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى.
2016-04-12
تۈركىيەدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ھەر ساھەدە ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمىي ماقالىسى يېزىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ كۆپەيمەكتە.
2016-04-12
بۇ يىل 30 - مارت د ئۇ ق ئىجرائىيە مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئامېرىكا «كوممۇنىزم قۇربانلىرى ۋەخپىسى» نىڭ «ترۇمان - رېگان ئەركىنلىك مېدالى» غا ئېرىشكەن ئىدى.
2016-04-12
دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ناھىيە، شەھەرلەردە، كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش نامىدا يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئەسلىدىكى مەھەللە تۈسىنى ئالغان ئولتۇراق ئۆيلىرىنى چېقىپ، ئاھالىلەرنى بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈرۈۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار بارغانچە كۆپىيىشى دىققەت قوزغىماقتا.
2016-04-12
بىرنەچچە كۈندىن بۇيان ئۈندىدار، فېيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان 3 مىنۇتلۇق بىر فىلىمدە، يېزا دېھقانلىرىدىن 10 نەچچە كىشىنىڭ رەتكە تىزىلىپ خىتاي كومپارتىيىسىنى ۋە ئۇنىڭ كاتتىۋاشلىرىنى مەدھىيىلەپ قىزىل ناخشا ئېيتىۋاتقان كۆرۈنۈشى تورداشلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى.
2016-04-12
مەركىزى ئەنگىلىيىنىڭ لوندۇن شەھىرىدىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 12 - ئاپرىل سەيشەنبە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىشلەمچىلەرنىڭ ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان ئەمگەك ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
2016-04-12
خىتايدا ئاخباراتقا قارىتىلغان چەكلىمىلەر بارغانچە كۈچەيتىلىۋاتقان مەزگىلدە خىتاي مەركىزىي خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن پارىخورلۇق قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن قولغا ئېلىنغانلارنىڭ سانى بارغانچە كۆپەيگەن.
2016-04-12
8 - ئاپرىل جۈمە كۈنى ئىچكى موڭغۇلنىڭ تۇڭلياۋ شەھىرىدە باشلانغان موڭغۇللارنىڭ خىتاي كارخانىلىرىنىڭ مۇھىت بۇلغىشىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى 12 - ئاپرىل سەيشەنبە كۈنى 4 - كۈنىگە قەدەم قويدى. چارۋىچىلار ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان نامايىشچىلار باشلىقى نۇرشۇن ھۇرىچنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
2016-04-11
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا «تېررورلۇق» ھەرىكىتىگە دائىر ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى مۇكاپاتلاش سوممىسىنى ئۆستۈرگەن ۋە مۇكاپاتلاشنى تۈزۈملەشتۈرگەن.