ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2016-04-11
«يېڭى ئامېرىكا فوندى» ئورۇنلاشتۇرغان ئاممىۋى سىياسەتكە دائىر لېكسىيەدە خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى رادىكال قىلىۋەتكەنلىكىنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈردى.
2016-04-11
پاتىگۈل غۇلام، ئوغلىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلغانلىقى ۋە خەلقئارا تاراتقۇلۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقى سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، 7-ئاپرېل يېپىق سوتلىنىدىغانلىقى رادىئومىز ئارقىلىق ئاشكارىلانغان ئىدى.
2016-04-11
د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن 7-ئاپرېل كۈنى چۈشتىن تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى مەمەت مۈئەزىنوغلۇ ئەپەندى سېيىت تۈمتۈرك باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ھەيئىتىنى پارلامېنت بىناسىدىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى.
2016-04-11
8-ئاپرېل كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە قىرغىزىستان سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسىنىڭ 71 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى بولۇپ ئۆتتى.
2016-04-11
ئىگىلىشىمىزچە، 8-ئاپرېل فىرانسىيە پايتەختى پارىژ 9-رايوندىكى «داغۇ خەلقئارا ئاسارە ئەتىقىلەر بازىرى» دا ئۇيغۇرلارغا دائىر بىر پارچە قەدىمىي سۈرەت سېتىلغان.
2016-04-11
شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان تۈركىي سىستېمىسىدىكى ئاممىۋى تەشكىلات ئەزالىرى 9-ئاپرېل كۈنى ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىغا قارشى نارازىلىق نامايىش قىلدى.
2016-04-11
مالايشىيادا چىقىدىغان «ئاسىيا بىر» خەۋەرلەر تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مالايشىيا دائىرىلىرىنىڭ تايلاند تەرەپتىن تاپشۇرۇپ ئالغان تېررورلۇق ھۇجۇمى ھەققىدىكى ئۇچۇردىن كېيىن ھوشيارلىقنى پەۋقۇلئاددە كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم.
2016-04-11
«قازاقىستان خەۋەر» تورىنىڭ 9-ئاپىرىلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالماتادا «تەڭرىتاغ» دېگەن نام بىلەن تارقىتىلىدىغان ئۇيغۇرچە تېلېۋىزىيە قانىلى يېقىندا رەسمىي سۈنئىي ھەمراھ بىلەن تارقىتىلىشقا باشلىغان.
2016-04-11
بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قىرغىزىستان باش مىنىستىرى تېمىر سارىيېف بۈگۈن، يەنى 11-ئاپرېل كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن.
2016-04-11
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى زاۋۇت، كان-كارخانىلارنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىشى بويىچە يېڭى بەلگىلىمە يولغا قويۇلغان.
2016-04-11
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈنۈگۈن ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن قاتتىق يەر تەۋرەش ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن رايونىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن ئىكەن.
2016-04-10
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق دۆلەت بايلىقىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن پارتىيە سېكرىتارى خىزمىتىدىن ۋە كوممۇنىستىك پارتىيە سېپىدىن ھەيدەلدى.
2016-04-10
ئافغانىستان بىلەن تاجىكىستان چېگرىلىنىدىغان ھىندىقۇش رايونىدا يەكشەنبە كۈنى قاتتىق يەر تەۋرەش ھادىسىسى يۈز بەرگەن بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، تەۋرەش دەرىجىسى 6.6 بال بولغان.
2016-04-10
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېر ئۆزىنىڭ ئاسىيا ئەللىرى سەپىرىدە خىتاينى زىيارەت قىلىشنى كۈن تەرتىپتىن قالدۇرغان.
2016-04-10
خىتايدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى داۋامى سۈپىتىدە خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يەنە بىر ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرى شەخسنىڭ تەكشۈرۈش ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى