ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2016-04-10
خىتاينىڭ دۆلەتلىك « ئېلېكتىر مەبلەغ شىركىتى» قىرغىزىستاندىكى نارىن دەرياسىدا ھىدرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنى قۇرماقچى ئىكەن.
2016-04-09
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ تور بازىرى - «ئالىبابا» بىلەن بىرلىشىپ رايونغا قايتىدىغان كۆچمەن ئىشچىلارنىڭ سودا باشلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم شەھەرلەرگە تور سودىسى مال يەتكۈزۈش مەركىزى قۇرىدىكەن.
2016-04-09
خىتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فىلىپ خامموند خىتاينى ئەنگلىيە پولات زاۋۇتلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن خىتايدىكى پولات ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىشقا دەۋەت قىلغان.
2016-04-09
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسىي مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىغا بۇ يىل 160 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالىدىكەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ مەبلەغلەرنىڭ 55 پىرسەنتكە يېقىن قىسمى 223 خىل چوڭ تىپتىكى قورۇلۇش تۈرلىرىگە ئىشلىتىلىدىكەن.
2016-04-09
تايلان كۆچمەنلەر ئىرادىسى تايلاندنىڭ پۇكەت قاتارلىق ئارىلىرىغا ئىككى ئۇيغۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم تېررور گۇماندارلىرى كىرگەنلىكىگە ئائىت ئاتالمىش «ئىستىخبارات دوكلاتى» مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.
2016-04-09
بېلگىيە دائىرىلىرى 22 - مارت بىريۇسسېل تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن قېچىپ يۈرگەن تېررور گۇماندارىنى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.
2016-04-08
خىتاي تەرەپ يۈرەك كېسىلىدە ئۆلدى، دەپ ئېلان قىلغان ئاتالمىش «ساقچى قەھرىمانلىرى» ھەققىدىكى سۆھبەتتە، ساقچى ۋە ئاھالىلەرنىڭ بۇ قەھرىمانلارنىڭ كىملىكى ۋە ئىش - ئىزلىرىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.
2016-04-08
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خوتەن گۇما ناھىيىسى چودا يېزىسىغا ئەۋەتكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنتلەردە «رادىكاللىقنى يوقىتىش» تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغان.
2016-04-08
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى مەسئۇلى بەربېل كوفلېرنىڭ تەكلىپى بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
2016-04-08
2016 - يىلى 7 - ئاپرېل گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان تۈركىي سىستېمىسىدىكى خەلقلەر توپلىشىپ، گوللاندىيەنىڭ دەنھاخ شەھىرىگە جايلاشقان ئەرمېنىيە باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلدى.
2016-04-08
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرى.
2016-04-08
ئەلفارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ژۇرنالىستىكا فاكۇلتېتىدا يازغۇچى ئىسمايىلجان ئىمىنوفنىڭ «ئالتىشەھەرگە ساياھەت» ناملىق كىتابىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى.
2016-04-08
8-ئاپرېل ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ئۇيغۇرلارنى رادىكاللاشتۇرىۋاتامدۇ» دېگەن تېمىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
2016-04-08
ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فىلىپ خامموند خوڭكوڭنى زىيارەت قىلىپ، ئەنگلىيەنىڭ خوڭكوڭ ئاپتونومىيەسىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى ۋە ھوقۇقى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. خامموند، خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى تەسىرى كۈنسېرى كۈچىيىپ، خوڭكوڭلۇقلاردا جىددىي ئەندىشە پەيدا قىلغان مەزگىلدە خوڭكوڭنى زىيارەت قىلدى.
2016-04-08
ئۇيغۇر رايونىنىڭ يەكەن ناھىيەسىدىكى كۆمۈر كاندا 3-ئاپرېل كۈنى يۈز بەرگەن ۋەقەدە ئۆلگەن ئادەم سانى 5 كە يەتكەن. خىتاي ئاخباراتى دەسلەپكى خەۋىرىدە 3 ئادەم ئۆلگەنلىكىنى، 7 ئادەمنىڭ كان ئاستىدا قامىلىپ قالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.