ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2016-04-08
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن پاكىستاننى زىيارەت قىلىپ، پاكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شەرىف بىلەن تېررورلۇققا داۋاملىق بىرگە قارشى تۇرۇشنى سۆزلەشكەن ھەم پاكىستان بىلەن قىممىتى 2 مىليارد دوللارلىق سودا كېلىشىمى ئىمزالىغان.
2016-04-08
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينىڭ «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىكى غايىب ئۇيغۇر ياش ئىمام مۇھەممەت ئېلىنىڭ ئانىسى پاتىگۈل غۇلامنى سوتلىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
2016-04-07
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ 2016-يىللىق «دۇنيا ئۆلۈم جازاسى دوكلاتى» نى ئېلان قىلدى. ئۇ دوكلاتىدا، 2015-يىلى دۇنيادا ئۆلۈم جازاسىنىڭ «بىئارام قىلارلىق» دەرىجىدە كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈردى.
2016-04-07
خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاتالمىش ساقچى قەھرىمانلار ھەققىدىكى تىزىملىكىدە «ئىنقىلابىي قۇربان» دەپ نام بېرىلگەن ئابدۇقادىر ئابدۇكېرىمنىڭ ئىش-ئىزىدىن يۇرتداشلىرى خەۋەرسىز.
2016-04-07
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋاشىنگتوندا «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» تەرىپىدىن بېرىلگەن 2016-يىللىق «ترۇمان-رېگان ئەركىنلىك مېدالى» نى تاپشۇرۇپ ئالدى.
2016-04-07
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 2015-يىللىق دوكلاتىدا دۇنيا مىقياسىدا ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشتا يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئەڭ كوپ ئۆلۈم جازاسى بەرگۈچى دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2016-04-07
تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بىرى بولغان NTV تېلېۋىزىيەسىدە ھەر يەكشەنبە كۈنى تارقىتىلىدىغان «تادى دىماغىمدا» يەنى «تەمى ئاغزىمدا» ناملىق پروگراممىدا ئۇيغۇر تاماقلىرى تونۇتۇلدى.
2016-04-07
مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بارىن ئىنقىلابىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئويغىنىشىغا سەۋەبچى بولغان ئامىللاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
2016-04-07
ئۇيغۇرلار نورۋېگىيەگە كۆچمەن بولۇپ كەلگىلى 20 يىلدىن ئاشتى. نورۋېگىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلار ئاساسلىق ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەنلەر بولۇپ، نورۋېگىيەدە تەخمىنەن 2000 غا يېقىن ئۇيغۇر ياشايدۇ.
2016-04-07
خىتاي تاراتقۇلىرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خوتەن گۇما ناھىيىسى چودا يېزىسىغا ئەۋەتكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى بىرتۈركۈم دېھقان رەسساملارنى تەشكىللەپ، كەنتلەردە «رادىكاللىقنى يوقىتىش» تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىپ، نەتىجە قازىنىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ خىل تەشۋىقاتنى تېخىمۇ كېڭەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2016-04-07
گۇاڭجۇ، ۋۇخەن قاتارلىق ئىككى جايدىكى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىلىرى 8-ئاپرېل جۈمە كۈنى شې ۋېنفېي قاتارلىق 6 نەپەر سىياسىي مەھبۇسنى «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش» جىنايىتى بىلەن سوتلاش ھارپىسىدا، يەنى 7-ئاپرېل كەچقۇرۇن گۇاڭجۇ سەنيۈەنلى مېھمانخانىسىغا يىغىلغان 10 نەچچە نەپەر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ساقچىلار تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن.
2016-04-07
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە 6-ئاپرېل چارشەنبە كۈنى ئىچكى موڭغۇلنىڭ توڭلياۋ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتىنىڭ 1-سوت مەھكىمىسىنىڭ مى جەنجۈن ئىسىملىك باشلىقى ئىشخانا بىناسىدىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالغان.
2016-04-07
بىرمىنىڭ دېموكراتىك رەھبەر ئانساڭ سۇكى، ئۆزى تەشكىللىگەن يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ بىرمىدىكى بارلىق سىياسىي مەھبۇسلار شەرتسىز قويۇپ بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2016-04-06
تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە تۇرۇپ رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، ئەمما نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر نەپەر ئۇيغۇر شاھىت ئۆزىنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى قېچىش ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى.
2016-04-06
خىتاي ج خ تارماقلىرى 1 -ئاپرېل كۈنى ئېلان قىلغان ئىنقىلابىي قۇربانلار تىزىملىكىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تىزىملىكتىكى ئۇيغۇر رايونىغا تەۋە 33 نەپەر ساقچىنىڭ 17 نەپىرى يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلگەن.