ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2016-05-30
27-مايدا ئالماتادىكى يازغۇچىلار ئۆيىدە قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ 2015-يىل بويىچە ھېسابات يىغىنى بولۇپ ئۆتتى.
2016-05-30
ئاتۇش شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى يېقىندا ۋاڭ زېڭيىڭ، جاڭ پېيفېڭ ئىسىملىك ئەر-ئايال خىتاي كۆچمەن ئەرزدارنى سوتلاپ، ئېرىنى 3 يىللىق، ئايالىنى 2 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.
2016-05-30
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ يىل 463 كەنتكە تارقالغان 7692 ئائىلىدىكى 26 مىڭ ئاھالىنى باشقا جايغا كۆچۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلاھات -تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا ئاشكارىلىشىچە، ئۇلارنىڭ پىلانى 2020-يىلغا قەدەر 200 مىڭ ئاھالىنى كۆچۈرۈشكەن.
2016-05-30
مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان «شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى» نىڭ مەركىزى يېڭىدىن ياساش ۋە رېمونت ئىشلىرى تاماملىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
2016-05-30
دۈشەنبە كۈنى پاكىستاننىڭ كاراچى شەھىرى گۈلشەنى- ھادېد رايونىدا بومبا پارتلاپ، بىر خىتاي ئىنژېنېر بىلەن ئۇنىڭ شوپۇرى يارىلانغان. كاراچى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ب ب س غا بىلدۈرۈشىچە، تىزگىنەكلىك بومبا خىتاي پۇقرالىرىنى نىشان قىلغان.
2016-05-30
خىتاي ھۆكۈمىتى 4-ئىيۇن «تيەنئەنمېن ۋەقەسى»نىڭ 27 يىللىق خاتىرە كۈنى ھارپىسىدا «تيەنئەنمېن ئانىلار ھەرىكىتى»نىڭ رەھبىرى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق پروفېسسورى دېڭ زىلىننى نەزەربەند قىلغان.
2016-05-30
خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەشتون كارتېرنىڭ سۆزىگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇنىڭ پىكرى سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدە قالغان، بېيجىڭ ۋاشىنگتوندا يېزىلغان «ھوللىۋۇد فىلىملىرىدە رول ئېلىشقا قىززىقمايدۇ» دەپ تەنقىد قىلدى.
2016-05-29
تېخى ئۆتكەن يىلى قۇرۇلغان قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى مەخسۇس ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلارنى تەتقىق قىلىدىغان مەركەزلەرنى تەسىس قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، تېخى يېقىندا مەخسۇس پاكىستان تەتقىقات مەركىزى قۇرۇلغان. ئۇچۇر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پاكىستان تەتقىقات مەركىزى قۇرۇش ئۈچۈن بىر يىل ئەتراپىدا تەييارلىق قىلىنغان .
2016-05-29
قازاقىستان دۆلەتلىك باش تەپتىش ئىدارىسىدا 21 - ماي كۈنى قازاقىستاننىڭ بىر قىسىم شەھەرلىرىدە ھۆكۈمەتنىڭ يەر ئىسلاھاتىغا، يەنى يەرلەرنى چەتئەللىكلەرگە ئىجارىگە بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى بەلگىلىمىسىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈشكە ئۇرۇنغانلارنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە جەمئىي 51 ئادەمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى رەسمىي بىلدۈرگەن.
2016-05-29
خوڭكوڭ ۋەتەنپەرۋەر دېموكراتىك ھەرىكىتىنى قوللاش ئىتتىپاقى دەپ ئاتالغان بىرلەشمە تەشكىلاتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 29 - ماي كۈنى خوڭكوڭ شەھىرىدە 1989 - يىلىدىكى 4 - ئىيۇن ۋەقەسىنى ئەسلەش ۋە بېيجىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىدىن بۇ ۋەقەنى ئاقلاشنى تەلەپ قىلىش نامايىشى ئۆتكۈزدى.
2016-05-29
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېر 27 - ماي كۈنى مەرىلەند شىتاتىنىڭ ئانناپولس شەھىرىدىكى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ئاكادېمىيىسىدىكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇقتىدا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىزدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلغان.
2016-05-29
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالى كومىسسارلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاخىرقى ئۈچ كۈن ئىچىدە ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدا شىمالى ئافرىقىدىن ياۋروپاغا قاچقان مۇساپىرلار ئولتۇرغان پارخوتلارنىڭ چوكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 700 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.
2016-05-29
ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونىدىكى نامايىش ۋە توقۇنۇشلار ھەققىدە توختالغان غەرب مۇتەخەسسىسلىرى ئۇيغۇر ئېلدىكى ۋەقەلەرنى «ئىرقىي توقۇنۇش» دېگەنگە قارىغاندا، «مىللىي قارشىلىق ھەرىكىتى» دەپ ئاتاش تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2016-05-29
ئامېرىكا خەلقئارالىق سودا كومىتېتى ئامېرىكا پولات شىركىتى خىتاي پولات شىركەتلىرى ئۈستىدىن سۇنغان ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىقى شىكايىتىگە قاراپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2016-05-29
قازاقىستان ھۆكۈمىتى يەر ئىسلاھاتى قانۇنىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلارنىڭ ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇش قەستىدە تەشكىللەنگەنلكىنى بىلدۈرگەن.