ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2016-05-16
رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ئالتاي جۇمھۇرىيىتىدىن قانال ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىغا سۇ يۆتكەش تەكلىپىنى رۇسىيە تەرەپ بەرگەن.
2016-05-16
د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ 24-مايدىن باشلاپ ياپونىيەدە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى ھەققىدە ياپونىيە تور بەتلىرىدە تۈرلۈك ئىنكاس ۋە مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزۈلگەن.
2016-05-16
5-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.
2016-05-16
15-ماي يەكشەنبە كۈنى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يىغىن زالىدا ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
2016-05-16
بېلگىيەدىكى ئۇيغۇر بوكس ماھىرى فارۇق قۇربانوف ياۋروپا چېمپىيونلۇقىغا تاللىنىش مۇسابىقىسىدە يەنە بىر بەلۋاغقا ئېرىشكەن.
2016-05-16
يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ، چارۋىچىلارنى يايلاقتىن كۆچۈرۈش ۋە مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆتكەن 5 يىلدا جەمئىي 10 مىليارد سوم مەبلەغ سەرپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2016-05-16
بىڭتۇەن خەۋەر تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 12-ماي كۈنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «13-بەش يىللىق پىلان پروگراممىسى» نى ئېلان قىلغان.
2016-05-16
خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقات ساھەسىدىكى «داڭدار شەخس» كە ئايلانغان قۇربانجان سەمەت ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تارىخى يېزىلغان «بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ تارىخى» ناملىق كىتاب يېقىندا نەشر قىلىنىپ، خىتاي مىقياسىدا كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىنماقتىكەن.
2016-05-16
بۇ يىل 16-ماي كۈنى ماۋ زېدۇڭ خىتايدا قوزغىغان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» غا توپ-توغرا يېرىم ئەسىر بولغان خاتىرە كۈن.
2016-05-16
يېقىندا يازغۇچى خالىدە ئىسرائىلنىڭ «كەچمىش»، «ئالتۇن كەش» قاتارلىق رومانلىرى ئارقا-ئارقىدىن نەشر قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىغان.
2016-05-15
14 - ماي كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرىمۇ قاتتىق چاڭ - توزانلىق بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. نەتىجىدە ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودرومى كۆپ ساندا ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشى ۋە قونۇشىنى توختىتىشقا مەجبۇر بولغان.
2016-05-15
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون پارتكوم سېكرىتارى جاڭ چۈنشەن 13 - ماي كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر رايونىغا زىيارەتكە كەلگەن خىتاي سىياسىي كېڭەش مۇئاۋىن رەئىسى ما پېيخۇاغا رايوننىڭ ئېكوگولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلايدىغانلىقىۋە قۇملۇقلارنى تىزگىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2016-05-15
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى شىمالىي كورىيە ھۆكۈمىتىنى دەرھال شىمالىي كورىيە تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنغان بەش نەپەر رۇسىيەلىكنى ۋە ئۇلارنىڭ كېمىسىنى قويۇۋېتىشكە چاقىردى.
2016-05-15
خەلقئارادا ئىناۋىتى يۇقىرى ھېسابلىنىدىغان 2016 - يىللىق ياۋروپا ناخشا مۇسابىقىسىدە قىرىم تاتارلىرىدىن كېلىپ چىققان 32 ياشلىق ئۇكرائىنالىق ناخشا چولپىنى جامالا غەلىبە قازاندى.
2016-05-15
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا شېنجېن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قارىمىقىدىكى دوڭمىن ساقچىخانىسى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى توپلاش جەدۋىلى» چىقارغاندىن كېيىن، مەزكۇر جەدۋەل تېزدىن سىرتقا تارقىلىپ كەتكەن.