ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2016-05-10
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 11:30 دا، ئىستانبۇل فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرسىتېتى توپكاپى مەۋلەۋىخانىسىدا «ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزىدۇ.
2016-05-10
11 يىلدىن بۇيان قانۇندىن ئادالەت ئىزدەپ ياشاۋاتقان ئوبۇلھەسەن ئابدۇكېرىمنىڭ 131-قېتىملىق ئەرزىنىڭمۇ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
2016-05-10
ساقچى دائىرىلىرى چىقارغان «دىنىي مەكتەپلەرگە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلماسلىق ئۇقتۇرۇشى» بولغىنى ئۈچۈن، يۈننەندىكى ئىسلام دىنىي مەكتەپلىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى يوشۇرۇنچە قوبۇل قىلىدىغان.
2016-05-10
يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ھەر خىل ناملاردىكى قىزىل تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ كۆپىيىشى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.
2016-05-10
مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى «خەلقئارا مۇخبىرلار بىرلەشمىسى» 9-ماي دۈشەنبە كۈنى، 300 مىڭدىن ئارتۇق شىركەتكە چېتىشلىق پاناما ھۆججەتلىرىنىڭ بارلىق مەزمۇنلىرىنى ئاۋامغا ئاشكارىلىغانلىقىنى بىلدۈردى. خەۋەردە تورداشلارنىڭ «خەلقئارا مۇخبىرلار بىرلەشمىسى»نىڭ تور بېكىتىدىن، يەنى (https://offshoreleaks.icij.org)din مۇناسىۋەتلىك شەخسلەرنىڭ دۆلىتى، كىملىكى، شىركەتنىڭ ئىسمى، ئادرېسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
2016-05-10
ئىچكى موڭغۇلنىڭ غەربىي قىسمىدىكى باياننۇر شەھىرى ئوتتۇرا ئۇرات خوشۇنىدىكى موڭغۇللار، 9-ماي دۈشەنبە كۈنى نامايىش قىلىپ، 5-ماي كۈنى دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان 5 نەپەر موڭغۇل چارۋىچىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ بەش نەپەر چارۋىچى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ يايلاقنى ئىگىلىۋېلىشىغا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان.
2016-05-10
يېقىندىن بۇيان خىتايدا مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىدىكى قىزىل ناخشا ئېيتىش پائالىيەتلىرى كۆپەيگەندىن باشقا يەنە، 1966-يىلى خىتاي رەئىسى ماۋ زېدۇڭ تەرىپىدىن قوزغالغان مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
2016-05-09
يەكشەنبە كۈنى خىتاينىڭ فۇجيەن ئۆلكىسى سەنمىن شەھىرى تەيمىڭ ناھىيىسىدىكى بىر قۇرۇلۇش نۇقتىسىدا تاغ سىرىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىققان.
2016-05-09
بۇلتۇر 18-سېنتەبىر باي ۋەقەسىدە ئۆلگەن ساقچى باشلىقى مەمەتجان توختىنىيازغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ئىلغار كومپارتىيە ئەزاسى، ۋە ئىنقىلابىي قۇربان دەپ ئېلان قىلغان.
2016-05-09
چەتئەللەردىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى» ۋە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» نىڭ باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قانۇنلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئالغا سۈردى.
2016-05-09
تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن 9-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلار ئۇچرىشىشىغا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.
2016-05-09
6-ماي ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى باربارا خانىم د ئۇ ق نى مەخسۇس زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىلىق سۆھبەت ئېلىپ باردى.
2016-05-09
10-نۆۋەتلىك جۇمھۇرىيەتلىك پۇتبول مۇسابىقىسى 7-ۋە 8-مايدا ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ ئەمگەكچىقازاق ناھىيىسىگە قاراشلىق ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان تاشكەنساز يېزىسىدا ئۆتتى.
2016-05-09
شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان «مىللىي گۆرۈش » تەشكىلاتىنىڭ «قۇرئان داستىخىنى» پائالىيىتىگە ئۇيغۇرلارمۇ ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
2016-05-09
بىر قىسىم مىللەتپەرۋەر ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى نامىنى ئالغان پېشقەدەم ئۇيغۇر جەڭچىلەرنى ئەسلەش يۈزىسىدىن ئۆسمۈرلەر چېلىشىش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇردى.