ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2016-05-09
ئىگىلىنىشىچە، «جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەن تۆت نەپەر ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ ئىش ئىزلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان «خەلق گېزىتى» دىن تارتىپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەرنىڭ كانىيى ھېسابلانغان «شىنجاڭ گېزىتى» ۋە «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق چوڭ تاراتقۇلارغا قەدەر كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىنماقتىكەن.
2016-05-09
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شىنجاڭ ھەربىي رايونى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى يەرلىك مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا تەسىس قىلغان ئاتالمىش «دوستلۇق ۋە ئۆز-ئارا ئۆگىنىش پائالىيىتى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 8-ماي كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن.
2016-05-09
ب ب س نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 7-ماي كۈنى ئەنگلىيە ئىشچىلار پارتىيەسىدىن بولغان سادىق خان سايلامدا غەلىبە قىلىپ، لوندون شەھىرىنىڭ تۇنجى مۇسۇلمان شەھەر باشلىقى بولۇپ قالغان.
2016-05-09
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش» بويىچە مەخسۇس لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكى تەشكىللەپ، شىمالدىكى 6 ناھىيەگە ئەۋەتكەن.
2016-05-09
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب ب س نىڭ شىمالىي كورېيەگە ئەۋەتىلگەن مۇخبىرى رۇپېرت ۋىڭفېلد-ھايېس ۋە ئۇنىڭ ئىككى نەپەر ھەمراھى ئۆتكەن جۈمە كۈنى پيوڭياڭدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇتقۇن قىلىنغان.
2016-05-08
رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ رەئىسى سېرگېي نارىشكىن باشچىلىقىدىكى رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى 5 - 6 - ماي كۈنلىرى خىتايدا زىيارەتتە بولۇش جەريانىدا رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ بىرلىشىپ، شېنجېن شەھىرىدە ئۇنىۋېرسىتېت قۇرۇشقا پۈتۈشكەن.
2016-05-08
رۇسىيە پايتەختى موسكۋادىكى «شەرق مۇزېيى» يېقىندا 16 - ئەسىردە ئۆتكەن موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى زاھىرىدىن مۇھەممەد بابۇر تەرىپىدىن يېزىلغان «بابۇرنامە» ناملىق ئەسەرگە قىستۇرما شەكلىدە سىزىلغان مىنياتۇرە رەسىملىرىنىڭ كۆرگەزمىسىنى ئېچىشنى قارار قىلغان.
2016-05-08
خىتايدا «پەلەك شاھى» دەپ شۆھرەت قازانغان ئاتاقلىق دارۋاز ئادىل ھوشۇر يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا قارىماي، يەنىلا ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىش ۋە يەنە ئېگىز ۋە خەتەرلىك ئۆتكەللەرگە جەڭ ئېلان قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
2016-05-08
ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئاتالمىش قوش تىل سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى ۋە مەقسىتىگە سوئال قويۇلۇۋاتقان مەزگىلدە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوش تىللىق يەسلى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كېڭەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2016-05-08
خىتاي شىركىتى ئاۋسترالىيەدىكى غايەت زور چارۋىچىلىق مەيدانى - س كىدمان شىركىتىنى سېتىۋېلىش نىيىتىدىن يانغانلىقىنى بىلدۈردى.
2016-05-08
ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى سۆھبىتى ئۆتكۈزگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، خىتاي ۋە رۇسىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارىشى مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
2016-05-08
كانادا ھۆكۈمىتى جاسۇسلۇق ئېھتىماللىقىنى نەزەرگە ئېلىپ ئىككى نەپەر خىتاي تېلېگراف خىزمەتچىسىنىڭ كاناداغا كىرىش ۋىزا ئىلتىماسىنى رەت قىلغان.
2016-05-08
جۈمە كۈنى يۈزلىگەن بىرمىلىق نامايىش قىلىپ، خىتاي قوللاۋاتقان «لېتپادۇئاڭ» ناملىق بىر مىس كانىنىڭ قايتا ئېچىلىشىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن.
2016-05-06
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرى.
2016-05-06
ئونسۇ چاغراقتىكى يەرلىك دائىرىلەر 2-كەنتتىكى تۇردى تۇنياز ۋە ئايالىنىڭ دىنىي ئېتىقادىدا ئۇشتۇمتۇت كۈچىيىش بولغانلىقى ئۈچۈن، دىنىي ئەسەبىيلىك گۇمانى بىلەن ئۇلارنى نازارەت ئاستىغا ئالغان.