ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2016-05-24
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما 24-ماي سەيشەنبە كۈنى ۋىيېتنام پايتەختى خانويدىكى دۆلەتلىك يىغىن مەركىزىدە نۇتۇق سۆزلىگىنىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
2016-05-24
خىتاينىڭ «خەلق پوچتا-تېلېگراف گېزىتى» 23-ماي خەۋەر بېرىپ، خىتايدا ماقۇللانغان «تېررورلۇققا زەربە بېرىش قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، بۇ يىل ئاخىرىغىچە 90% خىتاي ئاھالىسىنىڭ شەخسى تېلېفونىنى كىملىك بويىچە تىزىملاش خىزمىتىنى تاماملايدىغانلىقىنى، كېلەر يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن ئىلگىرى خىتايدا ئىشلىتىلىدىغان بارلىق تېلېفونلارنى كىملىك بويىچە تىزىملاشنى ئومۇملاشتۇرۇپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2016-05-24
قازاقىستاندىكى «قازتاغ» خەۋەر ئاگېنتلىقى 23-مايدىكى خەۋىرىدە، ئاستانا شەھەرلىك ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى تەكشۈرۈش ئىشخانىسى بايانات بېرىپ، قازاقىستانغا قانۇنسىز يوللار بىلەن كىرگەن 150 نەپەر خىتاي پۇقراسىنىڭ بايقىلىپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
2016-05-23
ئۇيغۇرچە ئۇسسۇللارنىڭ شەكىل جەھەتتە بارغانچە خىتايچە ئۇسلۇبتىكى مېخانىكىلىق ھەرىكەتلەر تىزمىسىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
2016-05-23
جىلباپ شەكلىدىكى كىيىملەر كىيگەن ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن ياغلىق چەككەن ئاياللارنى تەكشۈرۈپ ئۆزگەرتىش ئۇقتۇرۇشى كورلا نەشپۈت چېچىكى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ئىمزا ۋە تامغىسى بىلەن تارقىتىلدى.
2016-05-23
قىرغىزىستان سوتى 2000-يىلى ئەسقەر توختى، بەھرام ئەخمەت قاتارلىق 2 ئۇيغۇرنى، تۈرك پۇقراسى ئەخمەت گۆنەن بىلەن نازىر چۇرچايېف ئىسىملىك كافكازىيەلىك بىر قاراچايغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن.
2016-05-23
17-مايدىن باشلاپ ياپونىيە سۇكۇبا رادىيو ئىستانسىسى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ھەپتىدە ئىككى قېتىم مەخسۇس بىر سائەتلىك پروگرامما ئاڭلىتىشقا باشلىدى.
2016-05-23
ياۋروپادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر دالا پائالىيىتىنىڭ 2-قېتىملىقى شىۋېتسىيەنىڭ گولاگوردۇن ساياھەت رايونىدا 20-ماي كۈنى رەسمىي باشلاندى.
2016-05-23
2016-يىلى 22- ۋە 23-ماي كۈنلىرى گوللاندىيەنىڭ زەيست شەھىرىگە جايلاشقان «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى»نىڭ مەركىزىدە، تۇنجى قېتىملىق يېمەك-ئىچمەك ۋە مەدەنىي بۇيۇملار يەرمەنكىسى ئۇيۇشتۇرۇلدى.
2016-05-23
قاتناش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم ئەپەندى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ 2-نۆۋەتلىك ئالاھىدە قۇرۇلتىيىدا مەزكۇر پارتىيەنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى.
2016-05-23
20-ماي كۈنى 15 كىشىلىك بىر ساياھەت ئۆمىكى ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا توسۇۋېلىنىپ، ئۇيغۇر رايونىغا كىرگۈزۈلمىگەن ۋە 10 سائەتچە ئاۋارە قىلىنغاندىن كېيىن تۈركىيەگە قايتۇرۇۋېتىلگەن.
2016-05-23
ئەركىن ياۋروپا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 17-ماي كۈنى بىشكەك بىرىنچى ماي رايونلۇق سوت مەھكىمىسى قىرغىزىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرىنىڭ ئوغلى ئالتىنبەك مۇرالىۋنى چەتئەلگە جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ 12 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلغان.
2016-05-23
ئەركىن ياۋروپا رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستان دۆلەتلىك نوپۇس ئىدارىسى ئالدىنقى كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىستانبۇل ئايرودرومىدا توسۇۋېلىنىپ قويۇۋېتىلگەن 98 ئۇيغۇرنىڭ قولىدىكى ساختا پاسپورتنىڭ تەقلىدىي پاسپورت ئىكەنلىكىنى، يەنى پاسپورتتىكى كىشىلەرنىڭ قىرغىزىستاندا مەۋجۇت نوپۇسلۇق كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ كىشىلەرنىڭ ئەسلى پاسپورتىنى ھېلىھەم ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
2016-05-23
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئالدىنقى كۈنى رادىيومىزنىڭ خىتايچە بۆلۈمىگە بايانات بېرىپ، تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېننىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
2016-05-22
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى 19 - ماي كۈنى قەشقەر شەھىرىدە ئون مىڭ كىشىلىك ئۇسۇل ئويناش پائالىيىتى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك كوللېكتىپ سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان.