ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2016-06-15
«گو فېيشيۇڭغا كۆڭۈل بۆلۈش» ناملىق بىر خەلقئارا پىدائىيلار گۇرۇپپىسى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ب د ت ۋە باشقا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى خىتاينىڭ گۇاڭجۇ تۈرمىسىدە ئاچلىق ئېلان قىلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى گو فېيشيۇڭنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت قىلىشقا چاقىردى.
2016-06-15
15-ئىيۇن «خەلقئارا ئۇيغۇر ئانا تىل كۈنى» بولۇش بىلەن بىرگە، 1988-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 2-قېتىملىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ خاتىرە كۈنى.
2016-06-15
14-ئىيۇندا ئالماتادىكى يازغۇچىلار ئۆيىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ كېڭەيتىلگەن مەجلىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرشۇناس ئالىملارنىڭ نەشر قىلغان ئەمگەكلىرى تونۇشتۇرۇلدى.
2016-06-14
يېقىندىن بۇيان خىتاي مەكتەپلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ تەنھەرىكەت مەيدانلىرىدىن زەھەرلىنىش ۋەقەلىرى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ نارازىلىقلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق خەلقئاراغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىمۇ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلار بېرىلىشكە باشلىدى.
2016-06-14
بۇ يىل 3-ئايدىن 5-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر دىيارىدىكى تور ساھەسىدىن ئاز دېگەندە 5 نەپەر ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم بولدى.
2016-06-14
خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، رامزان مەزگىلىدە يەنى 13-14-ئىيۇن كۈنلىرى قەشقەر شەھىرىدە خىتاي مەملىكەتلىك ئىسلام دىنىي تەتقىقات يىغىنى ئېچىلىپ، نۇقتىلىق ھالدا «دىنىي رادىكاللىق ئىدىيىسىنىڭ يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان.
2016-06-14
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىل مائارىپى سىياسىتى سالمىقىنى بارغانچە ئۆستۈرۈشى، ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى قوغداش مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يۈكسەلدۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم.
2016-06-14
رامىزان ئېيىدا تۈركىيەدە ھەرقايسى شەھەر ۋە ناھىيەلىك ھۆكۈمەتلەر چوڭ مەيدانلار خەلققە ئىپتار زىياپىتى بېرىدۇ.
2016-06-14
ئامېرىكا ۋە خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭغا جەم بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تور بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئۈستىدە سۆزلىشىشنى باشلىدى. مەزكۇر سۆھبەت، ئامېرىكا شىركەتلىرىگە قارىتىلغان خىتاي مەنبەلىك تور ھۇجۇملىرى ھەققىدىكى شىكايەتلەر كۆپەيگەن مەزگىلگە توغرا كەلدى.
2016-06-14
فلورىدادىكى ھەمجىنسلەر بەزمىخانىسى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىنكى ئىنكاسلار ھەققىدە توختالغان تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما بۇ سەۋەبتىن مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسىنى تېررورچى دەپ قاراشنىڭ خاتا ئىكەنلىكنى بىلدۈردى.
2016-06-14
15-ئىيۇن خەلقئارا ئۇيغۇر ئانا تىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئانا تىلنى قوغداشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى قايتا تەكىتلەشتى.
2016-06-14
قەشقەر شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئوقۇغۇچىلارنى روزا تۇتقۇزماسلىق، رامىزان مەزگىلىدە رېستوران، چايخانىلارنى تاقىماسلىق توغرىسىدا بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
2016-06-14
يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىجرائاتلىرىغا قارشى خىتاي ئىچىدە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئادۋوكات گاۋ جىشېڭ يېقىندا ئۆز كەچمىشلىرىگە ئاساسەن «مېنىڭ بەش يىللىق تۈرمە ھاياتىم» ناملىق بىر كىتاب يېزىپ چىققان، كىتابنىڭ مەزمۇنى بۈگۈن خوڭكوڭدا ئۇنىڭ قىزى تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلغان.
2016-06-14
قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرىنىڭ «ناۋا» ئانسامبىلى 12-ئىيۇندا ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى سەپىرىنى ئاياغلاشتۇردى.
2016-06-14
تەيۋەن ھۆكۈمىتى تەيۋەننىڭ سابىق پرېزىدېنتى ما يىڭجيۇنىڭ 15-ئىيۇن كۈنىگە بېكىتىلگەن خوڭكوڭدىكى بىر ئاخبارات مۇكاپاتى مۇراسىم سەپىرىنى چەكلىدى.