ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2016-06-08
ئىلى ئوبلاستى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ پاسپورت بېجىرىش يېڭى بەلگىلىمىسىدە پاسپورتقا ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن بارماق ئىزى، ئاۋاز ۋە DNA ئۈلگىسىنى ساقچى دائىرىلىرىگە تاپشۇرۇش تەلەپ قىلىنغان.
2016-06-08
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىگە كەلگەن بىر ئىنكاستا، خوتەندە رامىزان مەزگىلىدە نورمال تىجارەتنى توختاتقان ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىغا جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
2016-06-08
خىتاي خەۋەرلەر تورىنىڭ 8- ئىيۇن چارشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئەڭ چوڭ تۇزلۇق سۇ كۆلى ئىبنۇر كۆلى ۋادىسى سۇ مۇھىتىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش پىلانى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ مەبلەغ ياردىمىگە ئېرىشكەن.
2016-06-08
ئۆتكەن ھەپتە تايلاندتىكى ئىبادەتخانا ھۇجۇمغا چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان ئىككى ئۇيغۇر گۇماندارىنىڭ تەرجىمانىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان.
2016-06-08
ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئىش تەقسىماتى ۋە باي-كەمبەغەللىك پەرقى مەسىلىلىرى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ بىر مۇھىم سەۋەبلىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
2016-06-08
2016-يىلى 7-ئىيۇن گوللاندىيەنىڭ دەنھاخ شەھىرىدە «خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى يېڭى قانۇنى ۋە ئۇنىڭ ئاز سانلىقلارغا بولغان تەسىرى» ناملىق بىر مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
2016-06-08
تەيۋەندىكى مەركىزى ئاگېبتلىقنىڭ «تىبەت ئاۋازىى»دىن نەقىل ئېلىپ 8- ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى سىچۈەننىڭ گەنزى تىبەت ئاپتونوم ئوبلاستى سېرتار ناھىيىسىدىكى لاروڭ ۋۇمىن بۇددا دىنى ئىنستىتۇتىنى رەتلەش نامىدا، مەزكۇر مەكتەپتە بۇددا دىنى تەلىمى ئېلىۋاتقان تىبەت راھىپلىرىدىن 2200 نەپەر كۇرسانتنىڭ بۇ يىل 11-ئايدىن ئىلگىرى مەكتەپتىن ئايرىلىشىنى ئۇقتۇرغان.
2016-06-08
خەلقئارا مەتبۇئاتلار ئۇيغۇر دىيارىدا رامىزان كىرىشى بىلەنلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان تۈرلۈك شەكىللەردىكى چەكلىمىلىرىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى خەۋەر قىلىشتى.
2016-06-08
ئۆتكەن ھەپتە كاناداغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئائىت سوئال سورىغان كانادالىق مۇخبىرغا ئازار بەرگەن.
2016-06-07
خىتاينىڭ ئىلى ئوبلاستلىق پارتكومىنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان «ئىلى گېزىتى» دە ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە، 1-ئىيۇندىن باشلاپ، ئىلى ئوبلاستىدا پاسپورتقا ئىلتىماس قىلغانلاردىن «شۇ كىشىنىڭ DNA سىنى ئېنىقلايدىغان قان ئەۋرىشكىسىنى ئېلىش، بارماق ئىزىنى ۋە ئاۋاز خاتىرىسىنى ئېلىش» قاتارلىق ئۈچ ئۆلچەملىك كىملىك خاتىرىسى تۈزۈمى يولغا قويىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان.
2016-06-07
خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا ئىخشخانىسى يېقىندا ئۈندىدار سالونىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، «ئەگەر توپ ئەزالىرى قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى يوللىسا، شۇ توپنى قۇرغۇچى ياكى توپ باشلىقىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ» غانلىقىنى ئېلان قىلغان.
2016-06-07
تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى باڭكوكتىكى لاگېردىن چەت ياقىدىكى لاگېرلارغا يۆتكىگەنلىكى مەلۇم بولدى.
2016-06-07
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى، ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ 7-ئىيۇندىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شۇ جاي ۋاقتى سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن ئىستانبۇلدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 7ساقچى ۋە 4 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان.
2016-06-07
ئاقسۇنىڭ ئونسۇ ناھىيە توخۇلا يېزىسىدا «دىنىي ئەسەبىيلىككە» قارشى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىر كەنت سېكرېتارى كەنتىنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
2016-06-07
خىتاينىڭ «شىنجاڭنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئەھۋالى» ناملىق ئاقتاشلىق كىتابى ئۇيغۇر ئېلىدا مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا نىسبەتەن ھېچقانداق چەكلىمىنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.