ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2016-07-12
ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىرنىڭ كۆپ قىرلىق ئىجادىي ئەمگەكلىرى ۋە كەسپىي جەھەتتىكى نەتىجىلىرى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدىلا زور تەسىر قوزغاپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دائىرىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغىمۇ ئېرىشكەن.
2016-07-12
بۇ يىل 1-ئاي مەزگىلىدە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن خىتاينىڭ دۆلەت ئامانلىقىغا زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى ئارتىلىپ تۇتقۇن قىلىنىپ، 23 كۈن قاماققا ئېلىنغان شىۋېتسىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى پېتىر داھلىن خەلقئارا تاراتقۇلارغا خىتايدىكى تۇتقۇن قىلىنىش كەچمىشىنى ئاشكارىلىدى.
2016-07-12
مەركىزى ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق خەلقئارا ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى تەشكىلاتى يىللىق دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، مىللىي ۋە دىنى كىملىكلىرىنى قوغداش ھوقۇقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
2016-07-12
د ئۇ ق ئىجرائىيە ھەيئىتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4 يىللىق خىزمەت دوكلاتىدا تۆت يىللىق تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر دەۋاسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئورۇنلانغانلىقىنى تەكىتلىدى.
2016-07-12
فىلىپپىن ھۆكۈمىتى جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە خىتاينى خەلقئارا سوتقا ئەرز قىلغاندىن كېيىن، 12-ئىيۇل كۈنى گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ شەھىرىدىكى خەلقئارا سوت «خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا ئالاقىدار تارىخى مەنبەلەردە قانۇنىي ھەققى يوق» دەپ ھۆكۈم چىقاردى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى نارازىلىق باياناتى بېرىپ، خەلقئارا سوتنىڭ فىلىپپىننىڭ ئەرزىگە ئاساسەن چىقارغان قارارىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2016-07-12
خىتايدا بۇ يىل ھۆل-يېغىننىڭ زىيادە كۆپ يېغىشى سەۋەبلىك، چاڭجياڭ دەريا ۋادىسىدىكى خۇبېي، ئەنخۇي، خۇنەن، جىياڭشى، فۇجيەن قاتارلىق ئون ئۆلكىدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 49 مىليون ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىدى.
2016-07-12
بىز يېقىندا خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقىنىغا 10 يىل بولغان كانادا پۇقراسى ھۈسەنجان جېلىل ھەققىدە، «ھۈسەنجان جېلىلنى قويۇپ بېرىدىكەن» دېگەنگە ئوخشاش ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق.
2016-07-12
1980-يىللاردىكى سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ رەقىبلىك دەۋرىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى تەركىبىدە ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى قۇرغان.
2016-07-11
11-ئىيۇل فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 5-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى پارىژدىكى نوۋاتېل مېھمانخانىسىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.
2016-07-11
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 5-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 11-ئىيۇل كۈنى فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا رەسمىي باشلانغان.
2016-07-11
ئۇيغۇر رايونىدا، دائىرىلەر «قۇلايلىق كارت» نى بىكار قىلغان، ئەمما تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سىرتتىن كەلگەن ئۇرۇق-تۇغقان ۋە مېھمانلارنى تىزىملىتىشنى تەلەپ قىلغان.
2016-07-11
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئانالىزچىسى تىنا مۇفورد، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تۈپ دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
2016-07-11
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا بىر قىسىم ناھىيە ھاكىملىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە قارشى لېكسىيە سۆزلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتىكەن.
2016-07-11
ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەتلەسچىلىك قول سانائىتىنىڭ كەشتىچىلىككە ئوخشاشلا سىياسىي تەشۋىقات ئۈچۈن ۋاسىتە بولۇۋاتقانلىقى تۈرلۈك رەسمىي ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولماقتا.
2016-07-11
ئىگىلىنىشىچە، 11-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى 8 نەپەر نازارەت ۋە نازارەت دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئەمەلدارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا 5 نەپەر يېڭى ئەمەلدارلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن.