ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2016-07-09
بىز 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىكى پروگراممىمىزدا ساقال قويغانلىقى ئۈچۈن ئىككى يېرىم يىل تۈرمىدە ياتقان مەمەت ئېلى ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى ئاڭلاتقان ئىدۇق.
2016-07-09
2009 - يىلى «5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» يۈز بەرگەندىن كېيىن مەزكۇر ۋەقە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ھەربىي يىلى خاتىرىلىنىپ كېلىنمەكتە.
2016-07-08
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇشۇ بىر ھەپتە جەريانىدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم مۇھىم خەۋەرلىرى.
2016-07-08
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 8-ئىيۇل ئاخبارات يىغىنى چاقىرىپ، ئاپتونوم رايوندىكى يەرلىك يېزا-بازار پارتكوم ھەيئەتلىرىنى ئالماشتۇرۇش خىزمىتى ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىدى.
2016-07-08
ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيە جۈمە كۈنى جەنۇبىي كورېيەگە «يۇقىرى بوشلۇق ھاۋا مۇداپىئە تېرمىنالى» (THAAD) ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
2016-07-08
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى ۋە پائالىيەتچىلىرىنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئادۋوكاتلارنى باستۇرۇشنى توختىتىشقا، قولغا ئېلىنغانلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.
2016-07-08
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا كەلگۈسى 5 يىلدا بىر مىليون 350 مىڭ يېزا نوپۇسى شەھەرگە كۆچۈپ كىرىپ ياشاشقا مەجبۇر بولىدىكەن. يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قۇرۇلۇش نازارىتى ئۆزىنىڭ 13-بەش يىللىق شەھەر-يېزا ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇش پىلانىنى ئېلان قىلغان.
2016-07-08
خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسى يىچاڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى 8-ئىيۇل خەۋەر ئېلان قىلىپ، جوۋ يوڭكاڭ، ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا پال سېلىش داڭ چىقارغان پالچى خىتاي ساۋ يوڭجىڭغا 7 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىدى.
2016-07-07
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ شەخسىي ئۆي ۋە يەر-زېمىنلىرىنىڭ ئىنتايىن ئەرزان باھادا مەجبۇرىي تارتىۋېلىنىشى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
2016-07-07
6-ئىيۇل 3 خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىگە خەت يېزىپ، خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى سۆھبىتىدە كىشىلىك ھوقۇقنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشنى، خىتاي دائىرىلىرىنى قولغا ئېلىنغان ئادۋوكات، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇرلاشنى تەلەپ قىلغان.
2016-07-07
ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان 1000 غا يېقىن ئۇيغۇر 6-ئىيۇل يەنى روزا ھېيتنىڭ 2-كۈنى، دېڭىز بويىدىكى باغچىغا جەم بولۇپ، روزا ھېيتنى بىرلىكتە تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
2016-07-07
قاتتىق يامغۇر ياركەنت ناھىيەسىنىڭ كۆكيار يېزىسىغا قاراشلىق بىر تاغلىق كەنتىدە تۇپراق ئېقىش ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، 35 ئادەم ئۆلگەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقە چارشەنبە كۈنى ئەتىگەندە يۈز بەرگەن.
2016-07-07
شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ7 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 6-ئىيۇل شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولمدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزدى.
2016-07-07
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى روزا ھېيتنىڭ 1-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 30 كۈن رامىزاندا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ روزا تۇتۇشى ۋە ئەركىن ئىبادەت قىلىشىغا چەكلىمە قويغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
2016-07-07
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يېقىندا ماقۇللىغان بىر تارىخىي قارارىدا تور ئەركىنلىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىكەنلىكىنى جاكارلاپ، ئۆز پۇقرالىرىنىڭ تور ئەركىنلىكىگە توسۇق قويغان دۆلەتلەرنى تەنقىد قىلغان.