ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2016-07-11
ئۇيغۇر تارىخى توغرىسىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ساقلىنىۋاتقان ياكى نەشر قىلىنغان قول يازما ئەسەرلەر تۈركچىگىمۇ تەرجىمە قىلىنىپ، نەشر قىلىنماقتا.
2016-07-11
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جۇ چاڭجيې يېقىندا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە رايوندىكى مىللەتلەرنىڭ ئىسىم-فامىلىلىرىنىڭ خىتايچە يېزىلىشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2016-07-11
دۇنيادىكى تۇنجى ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات ئىنستىتۇتى 1986-يىلى، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەركىبىدە قۇرۇلغان ئىدى. مەزكۇر ئىنستىتۇت سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئەمەلدىن قېلىپ، كىچىك مەركەزگە ئايلاندى.
2016-07-11
قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2017-يىلىدىن ئېتىبارەن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر شۇنداقلا سىنگاپور، مالايشىيا ۋە موناكو قاتارلىق 54 دۆلەتكە قارىتا ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىكەن.
2016-07-10
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - قېتىملىق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر 10 - ئىيۇل كۈنى فرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، يىغىن تەييارلىقىغا كىرىشتى.
2016-07-10
2009 - يىلىدىكى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى مەزگىلىدە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ھەربىي سىياسىي قوماندانلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى ھاۋا قىسىملىرىنىڭ سابىق سىياسىي كومىسسارى تەكشۈرۈش ئاستىغا ئېلىندى.
2016-07-10
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى 2016 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى تۆت يىل ئىچىدە 20 مىڭ ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئىشسىز قالغان ياشنى مەخسۇس تەربىيىلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى ئېلان قىلدى.
2016-07-10
يېقىندا قازاقىستاندىكى «مىر» نەشىرىياتى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ يىرىك نامايەنىدىلىرىدىن بىرى، مەشھۇر تارىخى رومان يازغۇچىسى ۋە 20 - ئەسىر ئۇيغۇر سىياسىي تارىخى شاھىدلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن يۇقىرى باھالانغان مەرھۇم زىيا سەمىدىنىڭ ھايات پائالىيەتلىرىگە بېغىشلانغان «مەزكۇر ۋەقەلەرنىڭ تىرىك گۇۋاھچىسى» ماۋزۇلۇق بىر كىتابنى نەشىر قىلدى.
2016-07-10
8 - ئىيۇل چاقىلىق ناھىيەسىدە يامغۇر ۋە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن، ئەمما ئۆلۈم يېتىم ھادىسىلىرى كۆرۈلمىگەن.
2016-07-09
خىتاي ئاخباراتىنىڭ شەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى جەنۇبىي دېڭىزدا راست ئوق ئىشلىتىلگەن ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارغان.
2016-07-09
خىتاي ئاخباراتىنىڭ شەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى جەنۇبىي دېڭىزدا راست ئوق ئىشلىتىلگەن ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارغان.
2016-07-09
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقنىڭ ئاخىرقى پرېزىدېنتى مىخايىل گورباچېۋ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى - ناتونى رۇسىيەگە قارشى «قىزىق» ئۇرۇشقا ھازىرلىق كۆرۈۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىدى.
2016-07-09
2016 - يىلىنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىيات يىلى» دەپ جاكارلانغاندىن بۇيان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىنىڭ بۇ خىلدىكى سىياسىي تەشۋىقاتنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولۇشقا باشلىدى.
2016-07-09
پارىژ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا 5 - ئىيۇل ۋەقەسى ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى توغرىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى.
2016-07-09
«شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن يىللىق «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى» نىڭ 8 - نۆۋەتلىكى بۇ يىل ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرماقتا.