ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2016-07-05
بۈگۈن يەنە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ، «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ 7 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەيۋەتلىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.
2016-07-05
ئۇيغۇرلار 30 كۈن رامىزانلىق ئىبادەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغان بۇ كۈنلەردە روزا ھېيت بىلەن تەڭ يەنە مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە ھېس-تۇيغۇلار ئىچىدە، بۇنىڭدىن 7 يىل ئاۋۋال ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5- ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ خاتىرە كۈنلىرىنى بىللە كۈتۈۋالدى.
2016-07-05
2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ 7 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەردە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نى خاتىرىلەشكە چاقىردى.
2016-07-05
خىتاي ھۆكۈمىتى 2006-يىلدىن باشلاپ چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي نىشان قىلىپ، «شىنجاڭنى سۆيۈش ئوقۇش مۇكاپاتى» تارقىتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي «خەلق» تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ بۇ يىلقى تارقىتىش مۇراسىمى 5-ئىيۇل كۈنى مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن.
2016-07-05
5-ئىيۇل نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلار 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئوسلودىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بارغان.
2016-07-05
سىنگاپور ۋە خوڭكوڭ تاراتقۇلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، سىنگاپور ھۆكۈمىتى خىتايدا ياسالغان پويىز ۋاگونلىرى دەز كەتكەنلىكى ئۈچۈن، قايتا رېمونت قىلىش ياكى باشقىسىغا ئالماشتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن.
2016-07-05
ھەر يىلى ئۈرۈمچى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن خاتىرىلەش مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا بىر سىياسىي ئەنئەنىگە ئايلاندى.
2016-07-05
2-ئىيۇل كۈنى ئىراقنىڭ باغدات شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمىدا 125 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، 150 تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلىنىشىدەك پاجىئەدىن كېيىن، 4-ئىيۇل كۈنى يەنە سەئۇدى ئەرەبىستاندا 3 جايدا ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ۋەقەسى كېلىپ چىققانلىقى مەلۇم بولدى.
2016-07-05
4-ئىيۇل گوللاندىيەنىڭ دەنھاخ شەھىرىگە جايلاشقان خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشىنىڭ 7-يىلى خاتىرىلەندى. پائالىيەتنى گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىللىدى.
2016-07-05
5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 7 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلدى.
2016-07-05
قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 2009-يىل ئۈرۈمچى قانلىق ۋەقەسىنىڭ يەتتە يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى بولۇپ ئۆتتى.
2016-07-05
ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدىكى ئۇيغۇرلار 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 7 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن سان فرانسېسكو شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلدى.
2016-07-04
ئۇيغۇر رايونىغا ئەۋەتىلگەن پاكىستان دىنىي ئىشلار تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئۇيغۇر رايونىدا روزىنىڭ چەكلەنگەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق دەلىل بايقىمىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
2016-07-04
ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان ئەڭ يېڭى كىتاب - «قەشقەردە قايتا ئۇچرىشىش» ئەنگلىيەدىكى برىل نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتىكەن.
2016-07-04
ئاچا-سىڭىل مەھبۇسلارنىڭ ئەھۋالى ئاخباراتقا چىققاندىن كېيىن، ئالاقىدار دائىرىلەر مەزكۇر مەھبۇسلارنىڭ تۈرمە سىرتىدىكى ئەزالىرىدىن ھال سورىغان ۋە نوپۇسسىز بالىلارنى نوپۇسقا، مەكتەپسىز قالغانلارنى مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرغان.