ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2016-08-11
بۈگۈن نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى مۇلاھىزە قىلىنغان «خىتايدىكى قەدىمىي شەھەردە پۇلدىن بەك مەدەنىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى.
2016-08-11
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پەيشەنبە كۈنى ئاۋسترالىيە دائىرىلىرى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ سىدنېينىڭ توك يەتكۈزۈش لىنىيىسىنى ئىجارىگە ئېلىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2016-08-11
فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېرفەكتو ياساي پەيشەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى جەنۇبىي جوڭگو دېڭىزى ۋە شەرقىي جوڭگو دېڭىزى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا خەلقئارا دېڭىز يولى قانۇنلىرى ۋە خەۋپسزلىككە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.
2016-08-11
ئۇيغۇر دىيارىدىكى ياش ئەمگەك كۈچلىرى « ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» قاتارىدا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىلىۋاتقان بىر شارائىت ئاستىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار بولسا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىكەن.
2016-08-10
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىدە 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئالغان مۇقىملىق تەدبىرىنىڭ بىرى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەرنى تام ۋە تۆمۈر رېشاتكىلار ئىچىگە ئېلىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش.
2016-08-10
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان 2015-يىللىق خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەردە دىنىي باستۇرۇشنىڭ يەنىلا سىستېمىلىق شەكىلدە داۋام قىلغانلىقىنى، مەزكۇر دوكلات مەزگىلىدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە ئائىت خەۋەرلەرنىڭ ئۈزۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
2016-08-10
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومى رايونغا 1950-يىللاردا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن 8000 نەپەر خۇنەن قىزىنىڭ 66 يىللىق خاتىرە كۈنىنى ئۆتكۈزگەن.
2016-08-10
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى زەئىد رئاد ئال ھۈسەيىن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنى سوتقا تارتىش ھەرىكىتىدىن ئەندىشىلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
2016-08-10
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى رۇسىيە پايتەختى موسكۋا شەھىرىگە مەركەزلەشكەن بولسا، ھازىر رۇسىيەنىڭ شەرقىدىكى باشقا ئۆلكىلەرگە جۈملىدىن سىبىرىيە شەھەرلىرىگىمۇ تارقالماقتا ئىكەن.
2016-08-10
تۈركىيە دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە قايتۇرغان ئىنكاسلىرىدا چوڭ خاتالىقلارنى سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. تۈركىيەنىڭ مەزكۇر مەيدانى تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رۇسىيە زىيارىتىدىن بىر كۈن كېيىن مەيدانغا كەلدى.
2016-08-10
د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم توكيوغا ئۆلكە باشلىقى بولۇپ تەيىنلەنگەن ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى يۇرىكو كېئىكو خانىمغا تەبرىك خېتى يوللىغان.
2016-08-10
ۋىيېتنامنىڭ تالاش-تارتىشتىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە ھەربىي راكېتا ئېتىش سىستېمىسىنى يۆتكىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن، ئەمما ۋىيېتنام دائىرىلىرى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلغان.
2016-08-10
شەھەر خەلقى نامايىش قىلغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى فىرانسىيە بىلەن بىرلىشىپ قۇرماقچى بولغان يادرو يېقىلغۇسى پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئورۇن تاللاش خىزمىتىنى ۋاقىتلىق توختىتىپ قويۇشقا مەجبۇر بولدى.
2016-08-10
قازاقىستاندا ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى تاماملىغان ياشلارنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىش مەسىلىسى ئەنە شۇ مەكتەپلەرنىڭ، بىلىم بېرىش ئورگانلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ ئالدىدا تۇرغان مۇرەككەپ مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر.
2016-08-10
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ يىغىن ئېچىش پىلانى ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمىغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق خەلقئارالىق ئۇيغۇر تارىخى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆز پىلانى بويىچە ئېچىلىۋېرىدىكەن.