ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2016-08-09
ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 7 - ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى يېڭىقاپى ساھىل مەيدانىدا، دېموكراتىيە ۋە شېھىتلەر يىغىنى دېگەن نامدا چوڭ يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.
2016-08-09
6 - ئاۋغۇست توكيودا «ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئاق چېكىملىك ۋە ئەيدىز مەسىلىسى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە دوكلات سۆزلەش يىغىنى چاقىرىلدى.
2016-08-09
خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2016 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدىن ئىنتېرنېت تورىغا مۇناسىۋەتلىك 1700 دىن ئارتۇق دېلونىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى مەلۇم.
2016-08-09
«خەلق گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى خام نېفىتكە بولغان كۈچلۈك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن قازاقىستان قاتارلىق ئورتا ئاسىيا ئەللىرىدىن ئىمپورت قىلىدىغان نېفىت مىقدارىنى يەنىمۇ ئاشۇرغانلىقى مەلۇم.
2016-08-09
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتتكومنىڭ سېكرىتارى جاڭ چۈنشيەن 3 - ئاۋغۇست كۈنى «شىنجاڭ ئومۇمىي تارىخى» ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابلارنىڭ قەلەم تەۋرەتكۈچىلىرى بىلەن مەسئۇل مۇھەررىرلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئۇلارغا مەخسۇس كۆرسەتمە بەرگەن.
2016-08-09
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رىئودې ژانېيرودا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى بۈگۈن ئۈچىنچى كۈنىگە قەدەم قويغان بولۇپ، تۆنۈگۈن كەچقۇرۇن ئالدىنقى ئىككى كۈندە ھەرقايسى دۆلەت تەنھەرىكەتچىلىرى قولغا كەلتۈرگەن مېدال سانى ئېلان قىلىنغان.
2016-08-09
تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالتايدىكى قارامېرى تەبىئىي قوغداش رايونىدا بۇ يىل ئەتىياز بىلەن ياز ئارىلىقىدا 28 تۇياق ياۋا تايچاق ئامان - ئېسەن تۇغدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار ئۆز ئەجداتلىرى ياشىغان ئانا ۋەتىنى - جۇڭغار ئويمانلىقىغا قويۇپ بېرىلىدىكەن.
2016-08-08
خىتاي دۆلەتلىك مىللىي ئىشلار كومىتېتى بىلەن خىتاي يازغۇچىلار جەمىيىتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان تۇلپار ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ 11 - قېتىملىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن 24 پارچە ئەسەر ئىچىدە ئۈچ ئۇيغۇر ئاپتورنىڭ ئەسىرىمۇ ئورۇن ئالغان.
2016-08-08
خىتاي ھۆكۈمەت ئۇچۇر مەنبەلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقنىڭ كۈچىيىشى نەتىجىسىدە، ساياھەتچىلىك ساھەسىدىكى ئالاقىلارمۇ يېڭى باسقۇچقا كىرگەن.
2016-08-08
جەنۇبىي كورىيە 7 - ئاۋغۇست كۈنى خىتاي تەرەپنىڭ ئۆزىگە قاراتقان ئامېرىكىنىڭ باشقۇرىلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە كۆرۈش سىستېمىسىنى كورىيىدە ئورناتماقچى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئەيىبلىشىنى رەت قىلدى.
2016-08-08
يەكشەنبە كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىستامبۇل شەھىرىدە زور ساندىكى كىشىلەر يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ئالدىنقى ئايدا يۈز بەرگەن ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشنى ئەيىبلىگەن، يىغىلىشقا تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغانمۇ قاتنىشىپ سۆز قىلغان.
2016-08-07
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە ماقۇللانغان «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى ئىجرا قىلىش چارىسى» دا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىق ساقلاش خىزمىتىنىڭ تاكتىكىلىق ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ روھىي ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
2016-08-07
خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى جۈمە كۈنى بېيدەيخېغا مەخپىي يىغىن ئېچىش ئۈچۈن يىغىلغان. ئامېرىكىدىن چىقىدىغان CNBC تورىدا خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىغىن خىتاينىڭ كەلگۈسى رەھبەرلىك قاتلىمىنى بېكىتىپ چىقىلىدىغان، خىتاينىڭ كېلەچىكى بەلگىلىنىدىغان يىغىن ھېسابلىنىدىكەن.
2016-08-07
ياپونىيەنىڭ يېڭى تەيىنلەنگەن دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى تومومى ئىنادا خانىم نەنجىڭ قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى سوئاللاردىن ئۆزىنى قاچۇرغان بولۇپ، بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.
2016-08-06
ئامېرىكا دائىرىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بىلەن كۆپ تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى، يىغىندا ئۇيغۇر پەيلاسوپ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەلچىلەر ھەققىدە ئېيتقان ھېكمەتلىرى تىلغا ئېلىندى.