ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2016-09-13
يېقىندا قازاقىستاننىڭ ئۆسكەمەن شەھىرىدە نەشر قىلىنىدىغان «چوڭ ئالتاي دۇنياسى» خەلقئارا ئىلمىي ژۇرنىلىنىڭ نۆۋەتتىكى سانى يورۇق كۆرۈپ، ئۇ پۈتۈنلەي ئۇيغۇرشۇناسلىق مەسىلىلىرىگە بېغىشلاندى.
2016-09-13
رابىيخان ئانا ساقچى باشلىقى دىلشاتقا، ئەگەر پاسپورتى قولىغا بېرىلمىسە ئەھۋالنى ئۈندىداردا پاش قىلىدىغانلىقىنى ۋە بالىسىنى بىر كۆرۈش ئۈچۈن ھەرقانداق جازاغا رازى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
2016-09-13
رۇسىيەنىڭ «سودىگەر» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى رايونلۇق كېڭىشى يىغىن چاقىرىپ، مەزكۇر كېڭەش قارمىقىدا ئۆزىنى قوشۇپ ئۆلتۈرگۈچى-تېررورچىلارغا ئائىت ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇشنى قارار قىلغان.
2016-09-13
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھاياتىغا قىزىقىدىغان كىشىلەر بىلەن جەمئىيەتشۇناسلار ئەڭ ئالدى بىلەن ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ ۋە توي مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە نەزەر ئاغدۇرىدۇ.
2016-09-13
خىتاي ساقچى دائىرىلىرى 13-سېنتەبىر كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ لۇفېڭ ناھىيىسى ۋۇكەن كەنتىدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى تىنچىتقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ 13 ئادەمنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2016-09-13
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ لۇفېڭ شەھىرى ۋۇكەن يېزىسىدىكى ئاھالىلەر ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان. توقۇنۇشتا ساقچىلار نامايىشچى ئاممىغا رېزىنكە ئوق ۋە كۆز ياشارتقۇچى بومبا ئىشلەتكەن.
2016-09-13
خىتاي 20-25-سېنتەبىر كۈنلىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «خىتاي-ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى»گە تېخىمۇ كۆپ چەتئەل ۋە ئىچكىرى خىتاي شىركەتلىرى ھەم زىيارەتچىلىرىنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن ئۆز تەشۋىقاتلىرى ۋە پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتمەكتە.
2016-09-13
ئۇيغۇر رايونىدىكى ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ يىلقى قۇربان ھېيتى ۋە خىتاي مىللىتىنىڭ تاۋۇز چاغىنىنىڭ بىرگە كەلگەنلىكىنى، رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىككى بايرامنى خۇشال ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلماقتا.
2016-09-13
ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموفنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئۆزبېكىستان ۋەزىيىتىدە ھېچقانداق سەلبىي ئەھۋال كۆرۈلمىگەنلىكى ۋە پرېزىدېنت كەرىموفنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ۋەزىيەتكە تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
2016-09-13
12-سېنتەبىر توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن ئافغانىستان مۇھاجىرلىرىنىڭ قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى.
2016-09-13
12-سېنتەبىر كۈنى نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت نامىزىنى ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مەزكۇر مەركىزىدە بىرلىكتە ئوقۇدى.
2016-09-12
قۇربان ھېيت كۈنلىرىدە جەنۋەگە قاراپ سەپەرگە چىقىش ئالدىدا تۇرغان رابىيە قادىر خانىم ئىشخانىسىدا رادىيورىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا ھېيتلىق ئالاھىدە سالام يوللىدى.
2016-09-12
بۈگۈن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىر يەرگە جەم بولۇپ 2016 - يىللىق قۇربان ھېيتنى كۈتىۋالدى.
2016-09-12
مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنى، كانادادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقى تۈركىستان سۈرگۈن ھۆكۈمىتى دىپلوماتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى باشقا تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
2016-09-12
خىتاينىڭ بۆرتالا ساقچىلىرى 82 ياشلىق رابىخان ئانىنىڭ پاسپورتىنى زوراۋانلىق بىلەن تارتىۋالغاندىن كېيىن، ئالدىغا پاسپورتىنى قايتۇرىۋېلىش ئۈچۈن كەلگەن رابىخان ئانىنى ئوبلاستلىق ۋە شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى قورۇسىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزمىگەن.