ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2016-09-12
تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ئۆركەش دۆلەت ئەپەندى ياۋرۇپا پارلامېنتىغا يازغان خېتىدە ئىلھام توختىنى «ساخاروف مۇكاپاتىغا لايىق نامزات» دەپ كۆرسەتكەن.
2016-09-12
تۈركىيەدە بۇ يىل قۇربان ھېيتى نامىزى بۈگۈن، يەنى 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئوقۇلدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ يىل ھېيتتا 9 كۈن تەتىل قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىدى.
2016-09-12
2016 - يىلى 12 - سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى قاتارىدا ئۇيغۇرلارمۇ قۇربان ھېيت خۇشاللىقىغا چۆمدى.
2016-09-12
12 - سېنتەبر ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھىجرىيە كالېندارى بويىچە ھەر يىلى زۇلھەججەنىڭ ئونىنچى كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان قۇربان ھېيتنى خۇشاللىق بىلەن كۈتۈۋالدى.
2016-09-12
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى سوت 19 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان خىتاي ئۆكتىچى جاڭ خەيتاۋنىڭ ئەرزىيەت سوتىنى يەنە كېچىكتۈرگەن. جاڭ خەيتاۋ چەتئەلدىكى خىتاي تور بەتلىرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىدلەپ، 19 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
2016-09-12
خىتاي بىلەن رۇسىيە دۈشەنبە كۈنى ئىگىلىك ھوقۇق تالاش - تارتىشتىكى جەنۇبىي دېڭىزدا 8 كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى. ئىككى تەرەپ «بىرلەشمە دېڭىز - 2016» ناملىق ھەربىي مانېۋىرغا ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى، سۇ ئاستى پاراخوتى، تىك ئۇچۇر قونالايدىغان ھەربىي پاراخوت، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنى، قۇرۇقلۇق ۋە سۇدا ماڭىدىغان ئۇرۇش ماشىنىلىرىنى قاتناشتۇرغان.
2016-09-12
خىتاي يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكى يېقىندا ئالتايدىن بايقالغان گېنى ئۆزگەرتىلگەن قوناقنىڭ ئۇرۇقى چەتئەلدىن ئەتكەس قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
2016-09-12
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى تەد كرۇز دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ «دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، پرېزىدېنت ئوبامانى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى مەيدانىدا قاتتىق قول بولۇشقا چاقىردى.
2016-09-12
خىتاي دۆلەت كابىنېتى دۈشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ 2016 - يىللىق ئەدلىيە دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتايدا ئۆلۈم جازاسىنىڭ «ناھايىتى ئاز ساندىكى قەبىھ جىنايەتچىلەر»گە ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما دوكلاتتا ئۆتكەن يىلى قانچە ئاەمنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرىلغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.
2016-09-11
ئۇيغۇر رايونى دائىرىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدە 5 - قېتىملىق خىتاي - ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر خەلقئارالىق پائالىيەت 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 25 - كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
2016-09-11
ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى بۇ يىل 4 - دېكابىر كۈنى پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان بولۇپ، ئۆزبېكىستان مەركىزى سايلام كومىتېتى 9 - سېنتەبىر كۈنى بۇ قارارنى قوبۇل قىلغان.
2016-09-11
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كەررى بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ شەنبە كۈنى جەنۋەدە ئۆتكۈزگەن سۈرىيە مەسىلىسىگە ئائىت يېڭى سۆھبىتى نەتىجىسىدە ئەسەد كۈچلىرى بىلەن ئۆكتىچى كۈچلەر ئارىسىدا ئۇرۇش توختىتىش بويىچە كېلىشىم ھاسىل قىلغان.
2016-09-11
ئەرمېنىيە ساقچى دائىرىلىرى ئۆزلىرىنىڭ بىر ئالاھىدە ھەرىكىتىدە ئەرمىنىيە چېگرىسى ئىچىدىكى 129 نەپەر خىتاينى تۇتقانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 51 ئادەمنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىن كەلگەنلىكى، 78 كىشىنىڭ تەيۋەنلىك ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ تېلېفون ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئالدامچىلىق قىلىدىغان جىنايەت شايكىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
2016-09-11
خىتاي بىلەن رۇسىيە جەنۇبى دېڭىزدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، بۇ مانېۋىر 12 - سېنتەبىردىن 19 - سېنتەبىرغىچە گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى تۇتىشدىغان دېڭىز رايونىدا، ئۆتكۈزىلىدىكەن
2016-09-09
ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى بۇ يىللىق قۇربان ھېيتنىڭ خىتايلارنىڭ تاۋۇز چاغىنى بىلەن بىر ۋاقىتقا توغرا كەلگىنى ئۈچۈن ھۆكۈمەت كادىرلىرى ۋە مەكتەپلەرنى 7 كۈنلۈك دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.