ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2017-02-28
خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە تورىنىڭ خەۋىرىدە، لوپ ناھىيىسىدە ھەر بىر نامرات ئائىلىنىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ ئاشقانلىقى، جەمئىي 244 نامرات كەنتنىڭ نامراتلىقتىن پۈتۈنلەي قۇتۇلدۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىنغان.
2017-02-28
يېڭىساردىكى ئالاقىدار خادىملار پالتىلىق ھۇجۇم ۋەقەسىدىكى ھۇجۇمچى ۋە ھۇجۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ كىملىكلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
2017-02-28
ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئەركىنلىك سارىيى 28-فېۋرال كۈنى «خىتايدىكى مەنىۋىيەت كۈرەشلىرى» ماۋزۇلۇق يىغىن ئۇيۇشتۇردى.
2017-02-28
يېقىندا يازغۇچى ئەخمەتجان ھاشىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى قازاقىستان مىللىي كۇتۇپخانىسى خادىملىرى بىلەن ئۇچراشتى.
2017-02-28
1960-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر دىيارى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئېغىر «ئاچارچىلىق» نىڭ زەربىسىگە ئۇچرايدۇ.
2017-02-28
ئەزھەردىكى ئۇيغۇر تالىپلارغا ئىلاھى ئىلىم ئىگىلەشنى نىشان قىلىش بىلەنلا قالماي، كۈندىلىك پىلان تۈزۈپ ياشاش ۋە جان بېقىشقا ئەسقاتىدىغان بىر كەسىپ ئۆگىنىش ھەققىدە لېكسىيە قىلدىم.
2017-02-28
27-فېۋرال دۈشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە تېررورلۇققا زەربە بېرىش نامىدا 10 مىڭ كىشىلىك مانېۋىر ۋە قەسەمياد يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.
2017-02-28
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت رادىيومىز ئارقىلىق بايانات بېرىپ، دائىرىلەرنىڭ 27-فېۋرال ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق شەھەرلەردە ئۆتكۈزگەن 10 مىڭ كىشىلىك ئاتالمىش «تېررورلۇققا زەربە بېرىش قەسەمياد يىغىنى» نى ئۇيغۇرلارغا قوراللىق ھەيۋە كۆرسىتىش، دەپ ئەيىبلىدى.
2017-02-28
ئەنگلىيە ھامىيلىقىدىكى ئارال دۆلىتى بېرمۇدادا چىقىدىغان بېرمۇدا خەۋەرلىرى گېزىتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2009-يىلى ئامېرىكىنىڭ گۈەنتانامو تۈرمىسىدىن ئازاد قىلىنىپ، بېرمۇداغا يەرلەشتۈرۈلگەن 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئەنگلىيە پاسپورتى ئىلتىماسى تەستىقلانمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى باشقا دۆلەتلەرگە بېرىپ ساياھەت قىلىش، داۋالىنىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قالغان.
2017-02-28
28-فېۋرال ئامېرىكىدىكى ئەركىنلىك سارىيى تەرىپىدىن ئېچىلغان «خىتايدىكى مەنىۋىيەت كۈرەشلىرى» ناملىق يىغىندا، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىكى باستۇرۇش كۈچەيتىلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان دىنىي ئېتىقاد دەپسەندىچىلىكى ۋەزىيىتى ئەنسىزلىك پەيدا قىلغانلىقى تەكىتلەندى.
2017-02-28
خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى 28-فېۋرال ئېلان قىلغان «مەملىكەتلىك 13-بەش يىللىق زامانىۋى قاتناش پىلانى» غا ئۇيغۇر دىيارىدىكى شەھەرلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تۇتىشىدىغان قاتناش لىنىيىلىرىدە 2020-يىلغىچە تېز سۈرئەتلىك پويىزنى ئومۇملاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشىنى تاماملاش تىلغا ئېلىنغان.
2017-02-27
ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن كەلگەن بىر مەكتۇپتا، ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىدىن بىرىنىڭ 10-فېۋرال كۈنى يېڭىسار دوختۇرخانىسىدا يۈز بەرگەنلىكى بايان قىلىنغان ئىدى.
2017-02-27
1947-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى، جاڭ كەيشى ئارمىيىسى تەيۋەن خەلقى ئۈستىدىن كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان بىر كۈن.
2017-02-27
دۇنيادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدىن بىرى بولغان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 26-فېۋرال ماقالە ئېلان قىلدى.
2017-02-27
خىتاي تاراتقۇلىرى ئۇيغۇر رايونىدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغانلىقىنى ۋە خوتەنگە بېرىلىۋاتقان تەرەققىيات ياردەم سوممىسىنى بۇلتۇرقىدىن 30.86% ئاشۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.